دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 09.04.2017 08:19:36 يوللانغان تارىخ: 09.04.2017 08:19:36 0 1581

تۈركىيىنىڭ ئاساسى قانونىغا ئۆزگەرتىش پائالىيىتىنى تۈركىيىدىكى ئويغۇرلارمۇ قوللىدى

ئاساسىي قانونىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن ( EVET ياكى HAYIR ) سايلىمى، تۈركىيىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

‏تۈركىيىنىڭ ئاساسى قانونىغا ئۆزگەرتىش پائالىيىتىنى تۈركىيىدىكى ئويغۇرلارمۇ قوللىدى

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانونىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ جۇمھۇر رەئىسلىك سىستېمىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 16- ئاپرىل كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلام پائالىيىتىنى، تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان 9 دانە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بىر يەرگە كېلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تام گېزىتى ئاسقان.
مەلۇم بولۇشىچە، 16- ئاپرىل كۈنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانونىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن ( EVET ياكى HAYIR ) سايلىمى، تۈركىيىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئىستىقلال تورىنىڭ خەۋەر قىكىشىچە: تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى قوللاپ ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تۈنۈگۈن يەنى 8 - ئاپرىل شەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ يېڭىقاپى دېڭىز بويىدىكى چوڭ مەيداندا نەچچە يۈزمىڭ كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۈركىيە ئاساسي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چوڭ يىغىن ئېچىلغان ئىكەن.
بۇ يىغىندا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم مۇھىم سۆز قىلىپ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشكە چاقىرىق قىلدى. ھۆر شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى نام ئاستىدا 9 ئۇيغۇر تەشكىلات بىرلىكتە ئېلان قىلغان چوڭ خەتلىك تام گېزىتى بۇ يىغىن مەيداننىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېسىلدى. بۇ تام گېزىتىگە تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان 9 ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ لوگۇلىرى چاپلىنىش بىلەن بىرگە مۇنداق يېزىلغان: بىز تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كۈچلۈك تۈركىيەنىڭ يېنىدا بولىمىز، (ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى قوللايمىز) ئەۋەت! .
بۇ مەيداندا يەكشەنبە كۈنىمۇ مىللەتچى ھەرىكەت پارتىسىنىڭ چوڭ يىغىنى ئېچلىدىغان بولۇپ، ھۆر شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى نامدا ئېسىلغان تام گېزىتى تېخىمۇ ئىگىز ئورۇنغا ئېسىلىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقى تۈركىيە بايرىقىنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇ پائالىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ تۈركىيە خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تونۇشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىش جەھەتتىن ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىلىدۇ.
مەنبەسى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى