تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 07.04.2017 02:51:21 يوللانغان تارىخ: 07.04.2017 02:51:21 0 1565

داۋايىمىزدا سەمىمىي بولايلى

ئۈستەللىرىمىز ئىچىملىكلەر بىلەن، مەيدانلىرىمىز ئۇسۇل بىلەن، زاللىرىمىز مۇزىكىلار بىلەن تولدى. بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي ئوينىغان ئىچكەنلىرىمىزنى

‏داۋايىمىزدا سەمىمىي بولايلى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇزۇندىن بېرى مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىپ كېلىۋاتقان بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى ئىشلاردا دىققەت قىلماسلىقى، بەلكىم بۇنداق دېسەم سەن كىمتىڭ بىزگە ئەقىل كۆرسىتىدىغان دېيىشىڭلار مۇمكىن، ئەمما بۇ بىر رىئاللىق. مەن يازمام ئارقىلىق بىرەر تەشكىلات ياكى بىرەر شەخسنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەس، مەن پەقەت ئەسلىتىپ قويۇشنى مەقسەت قىلدىم خالاس.
ئۇنداقتا مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويماقچى ۋەياكى ئەسلەتمەكچى بولغىنىم تۆۋەندىكىدەك.
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق، تۇتقۇن قىلىش، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، ئىز دېرەكسىز يوقىتىش، دىنىي ۋە مىللىي كەمسىتىش، دىنسىزلاشتۇرۇش، ئاسمىلاتسىيە قاتارلىق خىلمۇ خىل زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك ھەرخىل يوللار ئارقىلىق چەتئەللەرگە چىقىپ مۇساپىرچىلىقتا ياشىماقتىمىز. ۋەتەندە قىلالمىغانلىرىمىزنى مۇساپىرلىق ھاياتىمىزدا ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە قىلىش ئارزۇ ئىستەكلەر بىلەن ياشىماقتىمىز.
ۋەتەندە قىلالمىغاننى چەتئەلدە قىلىمىز دېگىنىمىزدە چوقۇمكى بەزى ئىشلاردا مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمە يەنى (ئايرىما) بۇلۇشى كېرەك.
بىز چەتئەللىكلەر بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ئەركىنلىكىمىزگە چەكلىمە قويدى، ئانا تىلىمىزنى يوق قىلقشقا ئورۇندى ۋە ئورۇنىۋاتىدۇ، مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرىمىزنى يوق قىلىۋاتىدۇ، پەرزەنتلىرىمىزنى خىتايلاشتۇرۇۋاتىدۇ، مەسچىتلىرىمىزنى چېقىپ يوق قىلىۋاتىدۇ، ئەرلىرىمىزگە ساقال قويدۇرمايۋاتىدۇ، ئاياللارنىڭ ئىسلامى كىيىنىشىنى چەكلەۋاتىدۇ، ئۆيدىكى دىنىي كىتابلارنى مۇسادىرە قىلىۋاتىدۇ، ۋەتەندە ئەر ئايال ھەتتا مەسچىتنىڭ ئىماملىرىدىن تارتىپ ئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ، ياشلارغا ھاراق ئىچىشتە مۇسابىقىلىشىشقا زورلاۋاتىدۇ دەپ سۆزلەپ شۈلگەيلىرىمىز ئېقىپ كېتىدۇ.
خوش: يۇقاردا دېيىلگەن مەجبۇرلاش، زورلاش، چەكلەش ۋە يوقىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان ئەمەلىيەتلەر. ئەمما مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارچۇ؟ بۇلاردىن قايسىلار ھاياتىمىزدا بار؟
بىز يۇقرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا دىنىمىزنى چەكلەۋاتىدۇ دېدۇق، مۇھاجىرەتتە تۇرۇپ دىنىمىزغا قايسى دەرىجىدە ئەمەل قىلالىدۇق؟ پەرزەنتلىرىمىزنى دىندا قانچىلىك تەربىيەلىدۇق؟. ئانا تىلىمىزنى يوقىتىشقا ئورۇندى دېدۇق، ئەركىن دۇنيادا ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا قانچىلىك كۈچ چىقىرالىدۇق، پەرزەنتلىرىمىزنى ئانا تىلىمىزنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشتۇق؟ مەسچىتلەرنى چېقىۋەتتى دىدۇق، ياشاۋاتقان ئەركىن دۆلەتلەردە كۈنىگە قانچە قېتىم مەسچىتكە بارالىدۇق؟ خىتايلار ۋەتەندە ساقال قويۇشنى چەكلىدى دېدۇق، ساقال بىلەن كارى بولمايدىغان ئەركىن دۆلەتتە ساقال قويالىدۇقمۇ ۋە ساقال قويغانلارنى ئەيىبلىمەستىن قوللاپ بېرەلىدۇقمۇ؟ ۋەتەندە قىز ئاياللىرىمىزنىڭ ئىسلامى كىيىنىشىنى چەكلىدى دېدۇق، ئەركىن دۆلەتلەردە ئىسلامى كىيىملەرنى قايسى دەرىجىدە سۈننەتكە لايىق كېيەلىدۇق؟ ئىسلامى كىيىنگەن قىز ئاياللارنى خۇراپاتچى، ئۇنداقچى، بۇنداقچى دېمەستىن ياخشى بۇلۇپتۇ ئاللاھ رازى بولسۇن دەپ قوللاپ بېرەلىدۇقمۇ؟ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادتىن سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ قىزىل ئالما ئۇسۇلىنى ئويناشقا مەجبۇرلىدى دېدۇق، ئۆزىمىز ئەركىن دۆلەتتە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ تارىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى نېمىلەرنى قىلالىدۇق؟ تەشكىلات، گۇرۇپپىلار ۋە شەخسلەر بۇلۇپ بىرەر پائالىيەت قىلغىنىمىزدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقىمىزنى ئۇسۇلغا سېلىشسىياسىتىگە نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ بولسىمۇ پائالىيەتلىرىمىزنى ئۇسۇلسىز ئېلىپ بارالىدۇقمۇ؟. ياشلارنى ھاراق ئىچىشتە مۇسابىقىگە سالدى دەپ قاخشىدۇق، ئەمەلىيەتتە شۇ ھاراقتىن ئۆزىمىزنى تارتالىدۇقمۇ؟. دەل بۇنىڭ ئەكسىنچە ئۇنداق قىلىشتىن تۈگۈل ئۈستەللىرىمىز ئىچىملىكلەر بىلەن، مەيدانلىرىمىز ئۇسۇل بىلەن، زاللىرىمىز مۇزىكىلار بىلەن تولدى. بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي ئوينىغان ئىچكەنلىرىمىزنى رەسىملەرگە فىلىملەرگە ئېلىپ تورلاردا ئېلان قىلىپ پەخىرلىنىمىز. بۇنداق دېسەم ئىچسەم، ئوينىسام ساڭا نېمە بۇلۇپتۇ؟ سېنىڭ نېمە كارىڭ دېيىشىڭلار مۇمكىن. ئەلۋەتتە مېنىڭ نېمە كارىم. مېنىڭكارىم بولغىنى دەل بىزنىڭ داۋايىمىزدا سەمىمىيەتسىزلىكىمىز. ئويناش، ئىچىش-چىچىش ھەر ئىنساننىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. ئەمما بىز شۇنى ئۇنۇتمايلىكى بىز چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغاندا بىز ۋەتەندە مۇنداق، مۇنداق ئوينىيالمايتتۇق، كەيىپ ساپا قىلالمايتتۇق دەپ ئاڭلاتساق بىراز راستچىل بۇلىشىمىز مۇمكىن.
يوقرىدا دېيىلگەن گەپلەر بەزى كىشىلەرنىڭ تىتاڭ تومۇرىغا تېگىپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما شۇنى ئېسىمىزدە تۇتايلىكى ئىش ھەرىكەتلىرىمىزدە دىققەت قىلايلى. ھەركىمنىڭ نېمە قىلىشى، قانداق يۈرىشى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى، ئەمما بىز نوتۇقلىرىمىز، خەۋەرلىرىمىزدە خىتاي ئۇنى قىلدى، خىتاي بۇنى قىلدى، قىلمىسا بولاتتى دەيمىز، ۋەتەندىغۇ مەجبۇرى قىلدى، ئەمما بىز ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقانلار ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي قىلدۇرۇۋاتقان بەزى ھەرىكەتلەرنى بىز ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن قىلىمىز ۋە يىگەن ئىچكەنلىرىمىز، ئوينىغانلىرىمىزنى كۆرۈنۈشلەرگە ئېلىپ تورلاردا ئېلان قىلىپ پەخىرلىنىپ يۈرۈيمىز. ھەركىمنىڭ نېمە قىلىشى ۋە قايسى يولدا مېڭىشى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى، ئەمما ۋەتەن داۋاسى قىلىۋاتقان تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە مۇھىم كىشىلەر بىرەر پائالىيەت قىلغان دىققەت قىلىشى ۋە يېگەن- ئىچكەن، ئوينىغانلىرىنى كۆرۈنۈشكە ئېلىپ تورلاردا ئېلان قىلىشتا دىققەت قىلىش لازىم.
قىساسكار يىگىت 2017- يىلى 07- ئاپرىل جۈمە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى