ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 04.04.2017 04:28:38 يوللانغان تارىخ: 04.04.2017 04:28:38 0 1302

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان يىڭى دىنىي سىياسەت - بەلگىلىمىلىرىگە قارشى ئۆلىمالار بىرلىكىنى بايانات ئېلان قىلدى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىسلامغا ۋە نورمال مۇسۇلمانچىلىققا ئۇرۇش ئېچىۋاتقان بۇ ۋەھشىيانە قانۇن - پىرىنسىپلارنى قەتئىي رەت قىلىدۇ

‏خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان يىڭى دىنىي سىياسەت - بەلگىلىمىلىرىگە قارشى ئۆلىمالار بىرلىكىنى بايانات ئېلان قىلدى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان رەزىل سىياسەتلىرى بولۇپمۇ 1- ئاپرىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلماقچى بولغان دىنسىزلاشتۇرۇش قانونىغا قارشى ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەسمىي توربېتىدە بايانات ئېلان قىلدى.
مەزكۇر باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ھەر تۈرلۈك زۇلۇم – سېتەملەر يېقىندىن بىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ، چەكتىن ئاشتى. ئىسلام دىنىنىڭ نۇقتىلىق بەلگىلىمىلىرى بولغان ھىجاپ ۋە ساقالغا ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئادەتتىكى ئىبادەت تۈرلىرىگىمۇ چەكلىمە قويۇشتەك زۇلۇملارنىڭ رەسمىي قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خەلقئارالىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
باياناتتا يەنە، 2017 - يىلى 30- مارت كۈنى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 50 ماددىلىق يىڭى چەكلىمىلەرنى يولغا قويغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ ماددىلار ئاساسىي جەھەتتىن ئىسلامنى سوتسيالىزىمغا ماسلاشتۇرۇش دېگەنگە ئوخشاش سەپسەتەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، خەلقىمىزنى دىنى ئەركىنلىكتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىشتەك بىر شۇملۇقنى قانۇنلاشتۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلغان ۋە 2017- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئىتىبارەن رەسمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يېڭى قانۇندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ياغلىق، چۈمبەل ۋە ساقال – بۇرۇت قاتارلىق ئىسلامىي كېيىم – كېچەك ۋە قىياپەت كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىردەك جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە يەنە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىۋاتقان (ئەخلاقسىز) تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۈشنى ۋە رادىئولىرىنى ئاڭلاشنى رەت قىلىش، گېزىت - ژۇرناللىرىنى ئوقۇماسلىقمۇ جازالاش كېرەكلىك ئېغىر جىنايەت قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
توي قىلىش ۋە ئاجىرىشىش ئىشلىرىدا ياكى ئۆلۈم ۋە مىراس ئىشلىرىدا دىنىي يوليورۇق بويىچە ئىش قىلغانلارنىڭ ئاشقۇن دىنىي پائالىيەتكە قاتناشقانلار قاتارىدا جازالىنىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.
خىتايلار بىلەن تۇغقانلىشىشنى ۋە خىتايلار بىلەن بىرگە ياشاشنى رەت قىلىش، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش، ئىسلامغا تەۋە ھەرقانداق ماتېرىيالنى تارقىتىش، سېتىش، ئۆگىتىش، نەشىر قىلىش ياكى نەشىرىيات ۋاستىلىرىنى ساقلاش ئېغىر جىنايەت بولۇپ بەلگىلەنگەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىسلامغا ۋە نورمال مۇسۇلمانچىلىققا ئۇرۇش ئېچىۋاتقان بۇ ۋەھشىيانە قانۇن - پىرىنسىپلارنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.
بىز شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر قايسى نوپۇزلۇق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى دېپلوماتىك ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان، ئىسانىيەتكە زىت بۇ قانۇن - پىرىنسىپلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە ۋە بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىمىز.
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى
مەنبەسى: www.olimalar.org

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى