تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 04.04.2017 03:32:27 يوللانغان تارىخ: 04.04.2017 03:32:27 0 1431

تۈركىيە ياۋروپانىڭ يامان يېرىدىن تۇتتى

ئۇنداقتا تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا بىرلىكتىن بىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ

‏تۈركىيە ياۋروپانىڭ يامان يېرىدىن تۇتتى

مەيلى چوڭ دۆلەت ياكى شەخىس بولسۇن ھەركىمنىڭ ئۆزىگە يارىشا كۈچلۈك تەرىپى بولغىنىدەك ئۇنىڭ ئاجىزلىق تەرەپلىرىمۇ بولىدۇ. دۇنياغا قارايدىغان بولساق مەيلى دۆلەت ياكى تەشكىلات بولسۇن ۋەياكى شەخىس بولسۇن ھەممىسى بىردەك كۈچلىنىشنى، تەرەققىي قىلىشنى، باشقىلارغا خوجايىن بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە شۇ ئارزۇ ئارمانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدۇ. ھازىرقى رىئاللىق ۋەزىيەتنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، دۇنيانى باشقۇرۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەرگىزمۇ يېمىرىلىنىپ پارچىلىنىپ كېتىشنى خالىماستىن بەلكى تېخىمۇ كۈچلۈك بۇلۇپ پۈتۈن دۇنيانى باشقۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بىرپەيتتە، دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ دۆلەتلەر كۈچلىنىپ ياۋروپا بىرلىكىگە قارشى تۇرىدىغان ھالغا يەتتى.
قاچانكى خىتاي ۋە رۇسنىڭ باشچىلىقىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ياۋروپا ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. ئەلۋەتتە بىر كۈچلۈكنىڭ ئۆزىگە رىقابەت بولىدىغان ئىككىنچى بىرىنىڭ چىقىپ قېلىشىنى خالىمىغاندەك، ياۋروپامۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشىنى ئەلۋەتتە خالىمايدۇ. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ياۋروپانىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان يەنە بىر كۈچ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ بولسىمۇ دەل تۈركىيەدۇر. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك تۈركىيە ئۇزىن يىللاردىن بېرى ياۋروپا بىرلىكىگە كېرىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى ياۋروپاغا كىرەلمىدى. ھەتتاكى تۈركىيە تۈركلەرنىڭ ياۋروپاغا كېلىپ ساياھەت قىلىش ئۈچۈن ئالىدىغان ۋىزا ئىشلىرىنى بېكار قىلىشقا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن ياۋروپا بىلەن كېلىشىم تۈزىگەن بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا كىلىشىمگە ئەمەل قىلمايلا قالماستىن بەلكى ياۋروپانىڭ بەزى دۆلەتلىرى تۈركىيىنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈپ تۈكىيە مىنىستېرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستېرىنى دۆلەتكە كىرىپ پائالىيەت قىلىشىنى چەكلەش ئارقىلىق تۈركىيە - ياۋروپا دوسلۇقىنىڭ يېرىكلىشىشگە سەۋەب بولدى. ئەلۋەتتە ھەركىم ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئويلىشى كېرەك. ياۋروپاغا كىرىشى قىيىن بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن تۈركىيە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر بىلەن يېقىنلىشىپ ياۋروپانى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالدى.
ياۋروپا تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىمەن دەپ پوپوزا قىلىۋاتقانلىقىنى ھەم بىلىدۇ. ئەمما تۈركىيە ياۋروپاغا كىرەلمىگەن ئەھۋالدا 3- بىر بىرلىكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ھەم ئەنسىرەيدۇ.
تۈركىيىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك خېلى ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى، بۇنداق ئەھۋالدا تۈركىيە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئەتراپىدا قوللىغۇچىلارغا مۇھتاج، تۈركىيىنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىياجى ياۋروپادىن ھەل بولمىغاندەك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئۈمىد يوقلىقىنى ھەم بىلىدۇ. چۈنكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى خىتايدىن تۈركلەرگە ۋاپا كەلمەيدىغانلىقىنى تۈركلەر ھەم بىلىدۇ.
ئۇنداقتا تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا بىرلىكتىن بىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ.
بەزىلەر دېگەندەك تۈركىيە ئەرەبلەر بىلەن بىرلىك ھاسىل قىلىش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىشماقتا. بۇ دىنىي نوقتىدىن قارىغاندا توغرىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما رېئاللىققا قارىغاندا تۈركلەر بىلەن ئەرەپلەرنىڭ بىرلىك سەپ تۈزۈشى قىيىن ئەھۋال. چۈنكى ئەرەبلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ماجىرالارنىڭ ھەل بۇلۇشىغا ۋاقىت كېتىدۇ.
ئۇنداقتا تۈركىيە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟
ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا تۈركىيە ياۋروپا بىرلىكى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قوللانماقتا. ھەر ئىككى تەرەپ تۈركىيىنى ئۆزىگە قېتىۋېلىشنى خالىمىغىنىدەك، تۈركىيىمۇ ئۆزىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە قېتىلىشىنى ھەم خالىمايدۇ. يۇقاردا دېيىلگەندەك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولسۇن ياكى ياۋروپا بىرلىكى بولسۇن تۈركىيىنىڭ ئۆزىگە قېتىلىشىنى خالىمايدۇ. چۈنكى تۈركىيىدەك ئىسلام ھاكىمىيىتى سۈرگەن بىر دۆلەتنى ئارىسىغا قېتىلىشىنى ھەرئىككى تەرەپنىڭ خالىمايدىغانلىقىنى تۈركىيىمۇ بىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن تۈركىيە ھەر ئىككى بىرلىكنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرۇپ سەن ئاراڭغا قاتمىساڭ قاتىدىغان باشقا بېرى بار دەپ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئەگەر تۈركىيە مۇشۇ تەرىقىدە تەرەققىي قىلىپ كۈچلەنسە، بەلكىدە ئۆز- ئارا گىپىنى چۈشىنىشەلەيدىغان تۈركىي دۆلەتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ تۈرك بىرلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى مۇمكىن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى