ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 03.04.2017 20:52:24 يوللانغان تارىخ: 03.04.2017 20:52:24 0 866

خىتاي دائىرلىرىگە ئوچۇق خەت

بۈگۈنكى دەۋىر سىلەرنىڭ دەۋرىڭلاردۇر! قىلالىغىنىڭلارچە قىلىپ بېقىڭلار قېنى! قانغۇچە زۇلۇم قىلىپ بېقىڭلار، ئاياق-ئاستى قىلىپ بېقىڭلار

كارار تورىنىڭ 1- ئاپرىل كۈنىدىكى سەھىپىسىدە خاقان ئالبايراقنىڭ «خىتاي دائىرلىرىگە ئوچۇق خەت» تېمىسىدا ئوبزورى ئىلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ئاتالمىش «دىنى ئاشقۇنلۇق» قا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن 15 ماددىلىق يېڭى بىر بەلگۈلىمە چىقىرىپسىلەر. بۇ بەلگۈلىمىدە «ھالال» ئۇقۇمىنى ئىشلىتىشنىمۇ مەنئى قىلىپسىلەر!
بۈگۈنكى دەۋىر سىلەرنىڭ دەۋرىڭلاردۇر!
قىلالىغىنىڭلارچە قىلىپ بېقىڭلار قېنى!
قانغۇچە زۇلۇم قىلىپ بېقىڭلار، ئاياق-ئاستى قىلىپ بېقىڭلار! مۇھلەت توشقىچە خالىغىنىڭلارنى قىلىۋېلىڭلار! بۇ ئازغۇنلۇقلىرىڭلارنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قىلىۋېلىڭلار!
ئاغزىڭلاردىن ئىشتىياق شۆلگەيلىرى ئاقسۇن! قۇرال تەڭلەنگەن ئىماملارنى مەجبۇرى ئۇسۇل تانسا ئوينۇتۇپ، خىزمەتچىلەرنى ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرىدىغان قەسەملەرگە مەجبۇرلاپ، ھاجىم دادىلارنىڭ ساقاللىرىنى قىسقۇچلار بىلەن يۇلۇپ، رامىزاندا مۇسۇلمانلارنىڭ روزىلىرىنى بۇزدۇرۇپ خالىغىنىڭلارنى قىلىپ بېقىڭلار!
ھازىرچە سىلەر كۈچلۈكسىلەر! دۇنيانىڭ تۆتتەن بىر نوپۇسى سىلەرنىڭ. كاتتا قەسىر-سارايلىرىڭلار، پەۋقۇلئاددە قۇراللىرىڭلار بار. دۇنيا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرلىرىنى ئۆزۈڭلارغا جەلىپ قىلدىڭلار. ئۇلارنى كونترول قىلدىڭلار.
«پۇل سۆزلىسە مەينەتلىكمۇ كۆرۈنمەيدۇ» دىگەن شۇئارلار بىلەن قانچىلىغان ياۋرۇپالىقلارنى سىھىرلەپ، تىبەتلەرگە ھېچبىر ئىنسانى كۆزدە قارىمىغان تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بىرەر تال مۇيىڭلارمۇ تەۋرەپ قالمايدۇ.
بۈگۈن سىلەرنىڭ دەۋرىڭلار!
شۇنداق، دەۋىر بۈگۈن سىلەرنىڭ. ئەمما كۈن نەتىجىدە.
ھەر پەسىلدە كۈن ئۇزۇراپ قىسقىرايدۇ. دۇنياۋى كاپىتالغا تايانغان ئىقتىسادى كۈچىڭلار، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئاجىزلىق ۋە كىرزىسقا يۈزلەنمەي قالامدۇ؟
سىلەرنىڭ مەۋجۇدلىقىڭلارنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان ئۇ مىليارتلىغان نوپۇسىڭلار پات يېقىندا سىلەرنىڭ گۆركارىڭلار بولىدىغانلىقىنى، ياكى ئاقىبىتىڭلارنىڭ شۇ خەلقنىڭ قولىدا پارچە-پارچە بولمايدىغانلىقىنى نەدىن بىلىسىلەر؟ مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى چېچىلاڭغۇلىقىنى ئۆزگەرمەيدىغان، مەڭگۇ داۋاملىشىدىغان قانۇنىيەت دەپ بىلەمسىلەر؟
ئەپەندىلەر! شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى بىز پىچاق بىلەنگەن كەبى بىلىنىۋاتىمىز. بۇ بىلىنىشىمىزدىن جىددىيلەشمەڭلار! بىز سىلەرنى خەۋەرلەندۈرىمىز!
شۇنى ئۇنۇتماڭلاركى! ئەينى دەۋىردىكى مەشھۇر خىتاي ئىمپىراتورلىرى سىلەرگە ئوخشىمايدىغان ھالەتتە ئەقىل بىلەن ئىش قلىپ تۇرۇپ، شۇ قەدەر ئېچىنىشلىق بىر ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدىكى، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئەنگىلىيە ۋە گىرمانلارنىڭ تۇپراقلىرىڭلادا مۇستەملىكە زىمىنى بار ئىدى. 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىنى ئەسكە ئېلىڭلار! خىتاي تۇپراقلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىنگىلىزلارنىڭ، بىر قىسمى فىرانسوزلارنىڭ يەنە بىر قىسمى بولسا روس، ياپۇن ۋە گىرمانىيەلەرنىڭ بايرىقى ئاستىدا ئىدى.
خىتاينى قوغداپ قالغان، «خىتاي تۇپرىقى خىتاينىڭدۇر» دىگەن شۇئار بىلەن مەيدانغا چىققان بىر گېزىت بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ مۇھەممەد سالىھ ئىسىملىك بىر مۇسۇلماننىڭ گېزىتى ئىدى. ئەپسۇس ئۇ نەشىر قىلىنمىغان بولسا... ... ...
دەۋىر بۈگۈن سىلەرنىڭ! ئەمما بىر كۈن كىلىپ كۆزۈڭلارنى ئاچقان ۋاقتىڭلاردا، باشقا بىر مۇھەممەد سالىھلەر تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە «شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭدۇر» دىگەن گېزىتنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى كۆرىسىلەر. ئۇ ۋاقىتتا بولسا سىلەر ئۈنىڭلارنىمۇ چىقىرالمايسىلەر. كۈلمەڭلار!
قەدىمقى خاندانلىقلىرىڭلاردىكى ۋاقتىڭلاردا ئەگەر بىرى چىقىپ «بىر كۈنلەردە خىتاي تۇپراقلىرىنى گىرمانلار ئىشغال قىلىدۇ» دىسە، «گىرمان» دىگەن نىمە ئۇ، ئۇ قەيەردە»؟ دەپ سورغان بولاتتىڭلار! بۇ گەپكە ئەسلا ئىشەنمىگەن ۋە ئۆزۈڭلارنى تۇتالماستىن كۈلۈپ تېلىقىپ قالغان بولاتتىڭلار!
بۈگۈن بۇرنىڭلارنىڭ ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ئۇ تۇپراقلار ئۇلارنىڭ ئەسلى ئۆز زىمىنلىرىدۇر.
دۇنيا ئايلىنىدۇ.
ئاللاھ بۆيۈكتۈر.
سىلەر چەكلىگەن قۇرئان-كەرىمدىكى شۇرا سۈرىسىنىڭ 227- ئايىتىنى ياخشى ئوقۇڭلار!

مەنبەسى:ئىستىقلال تورى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى