تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 03.04.2017 20:45:24 يوللانغان تارىخ: 03.04.2017 20:45:24 0 1196

شەرقىي تۈركىستاندا «پىچاق سۆڭەككە يەتتى»

«دىنى ئاشقۇنلۇق ۋە تېرورغا قارشى ھەركەتكە باغلاپ، تېرورلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئالىمىز

شەرقىي تۈركىستاندا «پىچاق سۆڭەككە يەتتى»
يېڭى ئاكىت گېزىتىنىڭ 2- ئاپىرىل كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق گۇما ناھيىسى 30 مارت پەيشەنبە كۈنى نەچچە مىڭلىغان خىتاي تاجاۋۇزچى ئەسكەر ۋە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنىپ، جىددى ئاقتۇرۇش، تۇتۇش ھەركىتى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر ئۇيغۇر تۈركىيەگە بۇ ھەقتە مەلۇمات يوللىغان بولۇپ، يوللانغان مەلۇمات تۆۋەندىكىچە بىرىلگەن.
ئاللاھنىڭ سالامى سىلەرگە بولسۇن! مەن گۇما ناھيەسىنىڭ ئۆزىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يېقىنلىرىمدىن ئالغان ئىسپاتلارنى سىلەرگە يەتكۈزمەكچىمەن. بۇ ئىسپاتلار سىلەرنىڭ خەۋەر سەھىپەڭلار ئارقىلىق تۈركىيە ۋە پۈتۈن دۇنيا جامائىتىگە تارقىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزدە ئەمدى ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالغۇدەك، ياكى ئۆزىمىزنى چەتكە ئالغۇدەك ئەھۋال قالمىدى. شۇڭا بۇنى دىيىشىم كىرەككى، نەتىجە نىمە بولسا بولسۇن بۇ دەھشەت ۋە ۋەھشىيلىكلەردىن باشقىلار چوقۇم خەۋەردار بولىشى كىرەك.
2017- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى پەيشەنبە سەھەردىن باشلاپ، گۇما ناھيەسىنىڭ بارلىق ناھيە ئىچى، يېزا-كەنت، دادۈي، شودۈي (خىتايلار تەرىپىدىن مەجبۇرى قوللىنىشقا مەجبۇرلانغان خىتايچە ئىسىم) ھېچ بىر يەر قالماي ناھيىنىڭ پۈتۈن تەۋەسىدە مىڭلىغان خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ئاقتۇرۇش ھەركىتى ئېلىپ بېرىلدى. خىتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە مەجبۇرى باستۇرۇپ كىرىپ، ئۆي ۋە ئۆيدىكى بارلىق نەرسىلەرنى بىرمۇ-بىر چالا قويماي ئاقتۇرۇپ چىقتى.
ئۆيلەردىن تېپىلغان قۇرئان كەرىم ۋە دىنغا ئالاقىدار ماتېرياللار، س د دىسكا، ئاۋازلىق ھۆججەت، جايناماز، باش ياغلىق (رومال) قاتارلىق دىنى تۈس ئالغان بارلىق نەرسىلەرنى مۇسادىرە قىلىپ مەيدانغا توپلىدى. بۇندىن باشقا يەنە بارلىق ئاياللاردىن ئۆزلىرىنىڭ ھەرقانداق كېيىم-كېچەكلىرىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۆزلىرىگە بىرمۇ-بىر كۆرسىتىشلىرىنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە ئۇزۇن پەلتۇ، ئابايى، باش ياغلىق ۋە شارپا (ئاياللار يېپىنىۋالىدىغان يەڭسىز يېپىنچا) قاتارلىق كىيىملەرنىڭ ھەممىنى مۇسادىرە قىلدى. يوپكا قاتارلىقلارنى ئۆلچەپ، تىزدىن ئاشقان قىسمىنى كىسىۋىتىپ قايتۇرۇپ بەردى. بۇ ھەركەتلەرگە قارشى گەپ-سۆز ياكى ئىپادىدە بولغانلارغا ئېغىر جەرىمانە قويدى ياكى تۇتقۇن قىلدى.
خىتاي ئەسكەرلىرى بۇ قېتىمقى ئۆيمۇ-ئۆي ئاقتۇرۇشلاردا مۇسادىرە قىلغان ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنىمۇ چوڭ مەيدانغا توپلىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئاقتۇرىلىۋاتقان ۋە ئاقتۇرۇلۇپ بولۇنغان ئۆيلەرنىڭ ھېچبىرىدە بىرمۇ ئادەمنىڭ قالماسلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، بارلىق ئادەملەرنى كىتاپ ۋە نەرسىلەرنى توپلىغان مەيدانغا يىغدى. مىنىڭ ئاچامغا تەھدىد سېلىپ ، قىزلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تارتقۇشلىدى. ھەر بىر ئادەمنىڭ قولىغا بىردىن ۋاراق تۇتقۇزۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا: «بىز ئۆيلىرىڭلاردا ساقلانغان قانۇنسىز كىتاپ، كېيىم-كىچەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى مۇسادىرە قىلدۇق» دەپ يېزىلغان ئىدى.
ئۇلار: «ئەگەر بىز ئاقتۇرۇپ تاپقاندىن باشقا، يەنە بۇ خىلدىكى قانۇنسىز كىتاپ ۋە كىيىم-كىچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى يوشۇرۇپ تىقىپ قويغانلار، يوشۇرۇپ قويغان يەردىن ئەڭ تىز ھالەتتە ئېلىپ چىقىپ 4- ئاينىڭ 1- كۈنى شەنبە كۈنىگىچە چوقۇم تاپشۇرىشى كىرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلماي بىزنىڭ يەنە قايتا ئاقتۇرۇش قىلغان ۋاقتىمىزدا چىقىپ قالسا، قاتتىق جازالىنىسىلەر! بۇ قېتىمقى ئاقتۇرۇشتا مۇسادىرە قىلغانغا ئوخشاش نەرسىلەرنى كىلەر قېتىم ئۇچراتساق، «دىنى ئاشقۇنلۇق ۋە تېرورغا قارشى ھەركەتكە باغلاپ، تېرورلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئالىمىز ۋە ئېغىر ئىقتىسادى جەرىمانە قويىمىز» – دىگەندەك ئېغىر تەھدىدلەرنى قوللاندى.
خىتاي ئەسكەر ۋە ساقچىلىرى ئۆيلەردىن مەجبۇرى يىغىۋېلىپ مۇسادىرە قىلغان قۇرئان-كەرىم، دىنى كىتاب، دىنى تۈس ئالغان ماتېرياللار، ئاياللارنىڭ باش ياغلىقى، ئۇزۇن كىيىم-كېچەكلىرى، بەدەن قىياپىتى ئاشكارىلانمايدىغان كىيىملەرنىڭ ھەممىسى مەيداندا چوڭ مەيدانغا توپلۇنۇپ، كۆيدۈرۈلۈپ يوق قىلىندى.
مىنىڭ يېقىنلىرىمنىڭ گۇمىدا تۈركىيەدىن كىرگۈزۈلگەن، توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلىنىپ تۈركىيەدە مودا بولىۋاتقان ئۇزۇن كىيىملەرنى ساتىدىغان دۇكىنى بار ئىدى. بۇ دۇكانغىمۇ باستۇرۇپ كىرىپ ئاقتۇردى ۋە دۇكاننى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتتى. دۇكاندىكى مەھسۇلاتلارنى مۇسادىرە قىلماقچى بولغان ئىدى، يېقىنىمنىڭ ھۆكۈمەتتىكى تونىشىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن دەرھال باشقا يەرگە يۆتكەپ قۇتقۇزۇپ قېلىندى.
مىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ۋە نۇرغۇنلىغان دوستلىرىم گۇمىدىن بۇ شۇم خەۋەر ۋە ئىسپاتلارنى ماڭا ئەۋەتتى. گۇمىدا بولىۋاتقان ئەھۋال بۇ قەدەر ئېچىنىشلىق ھالەتتە. بۇ قانداقمۇ ئادەتتىكى ئىش بولسۇن. دەردىمىزنى سۆزلەپ تۈگىتىپ بولالمايمىز. بىز تولىمۇ ئېغىر ئىزتىراپ ۋە ئازاپ ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز. مەن بۇ خەۋەر ۋە ئىسپاتلار سەۋەبى بىلەن ۋەتەندىكى ئۇ يېقىنىمنىڭ بېشىغا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن كىلىشى ئېنىق بولغان تەھدىدنى بىلىپ تۇرۇپ بۇنى سىلەرگە ئەۋەتتىم. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ بېسىمى ۋە زۇلمى ئېشىپ سۆڭەتتە يەتتى. ھېچبىر چارىمىز قالمىدى. ئىنتايىن قايغۇلۇق ھالەتتە تۇرماقتىمىز. ئاللاھ يارىدەمچىمىز بولسۇن! ئامىين!

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى