تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 02.04.2017 03:24:36 يوللانغان تارىخ: 02.04.2017 03:23:30 0 2376

فەھمى ھۇۋەيدى "ئۇنۇتۇلغان شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز" دېگەن تىمىدا ماقالە ئېلان قىلدى

ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈ بېرىۋاتقان بۇ جىددى مەسىلىلەرگە قارىتا قول قۇشتۇرۇپ تۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلغان

‏‏فەھمى ھۇۋەيدى "ئۇنۇتۇلغان شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز" دېگەن تىمىدا ماقالە ئېلان قىلدى

مىسىرلىق داڭلىق يازغۇچى ۋە پىشقەدەم ئوبزورچى فەھمى ھۇۋەيدى (كۈندىلىك خەۋەر) توربېتىدە "ئۇنۇتۇلغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز" دېگەن تىمىدا ماقالە ئېلان قىلدى.
ئۇ ماقالىسىدا يېقىندىن بىرى خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا زور تۈركۈمدە ئەسكەر يۆتكەپ، تىرە تاراقلىتىپ خەلق ئاممىسىنىڭ دىللىرىغا ۋەھىمە سېلىپ قورقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ دىننى يۇسۇندا كىينىشى، ساقال قۇيىشى، ئەۋلادلارغا دىندىن ساۋات بىرىشى، جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشى قاتارلىق ھەق ھۇقۇقلىرىنى قاتتىق چەكلەپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىدەك ۋەھشىيانە زومىگەرلىكلىرىنى پاش قىلىپ تەنقىد قىلغان.
ئۇ ماقالىسىدە يەنە: ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈ بېرىۋاتقان بۇ جىددى مەسىلىلەرگە قارىتا قول قۇشتۇرۇپ تۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىمىز فەھمى ھۇۋەيدىنىڭ ماقالىلىرىنى ئۇزاقتىن بېرى ئۇقۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچى ئابدۇللاھ كۆكيارنى زىيارەت قىلدۇق.
ئابدۇللاھ كۆكيار بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى مۇنداق بايان قىلدى: ۋەتەن سىرتىدىكى بارلىق زىيالىلار قول قۇرۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، زاماندىن قاقشاپ ئولتۇرماي ئۇرۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزلىرى بىلگەن تىللاردا ۋەتەندە يۈز بەرگەن ھەقسىزلىكلەرنى دەلىل پاكىتى بىلەن كۈچىنىڭ يىتىشىچە دۇنياغا ئاڭلىتىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، گەرچە زىيالىلارنىڭ يازمىلىرى دۇنيانى ئويغۇتۇپ زىلزىلىگە سېلىۋېتەلمىسىمۇ، ھەرىكەتتە بەرىكەت بار دېگەندەك دۇنيانى ئويغۇتالايدىغان داڭلىق يازغۇچى ۋە ژورنالىستلارنى ئۈچۈر بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە زالىم خىتايغا ئازىراق بولسىمۇ زەربە بۇلۇپ خەلقىمىزگە ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى