تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 31.03.2017 08:51:01 يوللانغان تارىخ: 31.03.2017 08:51:01 0 1647

لوپنۇردا 2000 يىللىق قەدىمقى شەھەر بايقالغان

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يانمۇيان 7 مازار بىلەن مىس ئەينەك ۋە رەخت پارچىلىرىمۇ تېپىلغان

‏لوپنۇردا 2000 يىللىق قەدىمقى شەھەر بايقالغان

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ لوپنۇر چۆلى تەۋەلىكىدىكى قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا چوڭقۇرلۇقى 2.70cm، ئېگىزلىكى 2.5cm، ئۇزۇنلۇقى 300 مېتىر كېلىدىغان يۇمىلاق تاملار بايقالغان.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يانمۇيان 7 مازار بىلەن مىس ئەينەك ۋە رەخت پارچىلىرىمۇ تېپىلغان.

لوپنۇر چۆلىدىكى مەزكۇر تاملار ۋە تارىخىي يادىكارلىقلار يىپەك يولى بويىغا جايلاشقان ئەڭ قەدىمىي شەھەرگە تەۋە بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەمەلدارى خۇ شىڭچۈن، كولاش جەريانىدا تېپىلغان قىزىل سۆگەت شېخى ۋە قومۇش غوللىرىنىڭ كاربون تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، تاملارنىڭ مىلادىيە 25 – 220 – يىللىرىدا سېلىنغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خۇ يەنە، لوپنۇر رايونىدا ئۇ چاغلاردا كىرورەن خانلىقىنىڭ ھۆكۈم سۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، تاملارنىڭ مەزكۇر خانلىققا تەۋە بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى