ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 30.03.2017 04:32:14 يوللانغان تارىخ: 30.03.2017 04:32:14 0 1869

ئىراقنىڭ كىركوكتىكى مۇراسىمدا ئۇيغۇر دوپپىسى سەھنىگە چىقتى

مۇراسىمغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئىسمائىل چىڭگىز ئەپەندى، تۈركىمەن گۇرۇپپىسى رەئىسى ئەرشات سالىھى بىلەن ئۈچ ئىراق پارلامېنت ئەزاسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ چىمەن دوپپىسىنى ھەدىيە قىلغان

ئىراقنىڭ كىركوكتىكى مۇراسىمدا ئۇيغۇر دوپپىسى سەھنىگە چىقتى
28- مارت كۈنى ياۋرۇ ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى فىدراتسىيەسى رەئىسى ئىسمائىل چىڭگىز، ئىراقنىڭ كېركوك ۋىلايىتىگە تەۋە ئالتۇن كۆۋرۈك ناھيىسىدىكى شەھىدلەر ئابىدىسىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇراسىمىغا قاتناشقان.
مۇراسىمدا كېركوكتىكى ئالتۇن كۆۋرۈكتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن قۇرئان تىلاۋەت ۋە دۇئا قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇلار ھەققىدىكى خاتىرلەر ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.
كىلىپ چىقىشى شەرقىي تۈركىستانلىق بولغان ئىسمائىل چىڭگىز بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، بۇ يەردىكى مەسئۇللار بىلەن كۆرۈشكەن ۋە تۈركىمەن گۇرۇپپىسى رەئىسى ئەرشات سالىھى بىلەن ئۈچ ئىراق پارلامېنت ئەزاسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى باش كىيىمى بولغان چىمەن دوپپىسىنى ھەدىيە قىلغان.
بۇ مۇراسىمغا ئىراق تۈركلىرى گۇرۇپپىسى رەئىسى ئەرشەت سالىھى، مۇئاۋىن رەئىسى ھەسەن تۇران، ئىراق پارلامىنت ئەزاسى سالاھىددىن، ھەمدە ئالتۇن كۆۋرۈكتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.
ياخشى كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ مۇراسىم ئەل جەزىرە قانىلى، ئىراق تېلېۋىزىيەسى، تۈركمەنەلى قانىلى ھەمدە ت گ ر ت تېلېۋىزىەسىدە نەق مەيداندىن تارقىتىلغان.

مەنبەسى: ئىستىقلال خەۋەر تورى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى