تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 30.03.2017 04:22:47 يوللانغان تارىخ: 30.03.2017 04:22:47 0 2063

ئەي خىتاي ئىشغالچىلىرى، پارىژدىكى ۋەقەگە نېمە دەيسەن؟

قاتىللىق ھەرىكەتلىرىڭگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغانلارنى تېررور نامى بىلەن ئەيىبلىگىنىڭدەك فرانسىيە ساقچىسىنىڭ

‏ئەي خىتاي ئىشغالچىلىرى، پارىژدىكى ۋەقەگە نېمە دەيسەن؟

بۇندىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا ساقچى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر خىتاي ئۈچۈن 300 دىن ئارتۇق خىتايلارنىڭ 3 كۈندىن بېرى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ ساقچىلارغا تاش كالتەك ئېتىپ قالايمىقانچىلىق چىقارماقتا. ساقچىلار ئۆزلىرىگە قارىتىپ تاش ۋە كالتەك ئېتىپ قارشىلىق قىلغان خىتايلارغا ئوق ئەمەس پەقەت ياش ئاققۇزۇش گاز ئىشلىتىپ ۋەقەنى بېسىقتۇرۇشقا تىرىشماقتا.

(سەن بولساڭ قانداق قىلاتتىڭ)؟.
ئەي خىتايلار! سەنلەر 1949 دىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ بېسىپ ياتتىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارمىغان زۇلۇملىرىڭ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىڭ قالمىدى، زوراۋانلىقلىرىڭ كۈنسايىن ئاشتى، بۇنىڭغا قارشى تۇرغان ياكى قارشىلىق قىلىشنى ئويلىغانلار تۇتۇپ سولىدىڭ ۋە ئېتىپ ئۆلتۈردۈڭ.
ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىدىڭ. كېيىن 2009- يىلى 26- ئىيۇن كۈنى ئۆلكەڭنىڭ شاۋگۈەن رايۇنىغا يۆتكىگەن زاۋۇتنىڭ ئۇيغۇر ياش ئوغۇل- قىزلارنىڭ تۇرغان ياتاق بېنالىرىغا خىتاي قارا جەمئىيەتلىرىنى كۈشكۈرتۈش ئارقىلىق قەستەن ۋەقە چىقاردىڭ ۋە نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ قىز ئوغۇل ياشلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولدۇڭ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن 2009- يىلى 5- ئىيۇل كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىنىڭ خەلق مەيدانىغا يىغىلىپ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن سەندىن ئادالەت تەلەپ قىلىپ يىغىلغان ئۇيغۇر ياشلارنى ئوققا تۇتۇپ نەچچە مىڭلىغان ياشلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدۇڭ، ۋەقەگە قاتناشقان ياكى ۋەقە توغرىسىدا ئۇچۇر ئاڭلىغان ياكى ۋەقەدىن كېيىن ۋەقەنى دۇنياغا ئاڭلاتقانلارنى تۇتۇپ سولىدىڭ، ئىز دېرەكسىز يوق قىلدىڭ، قېلىپ قالغانلارنى تېررورىس نامى بىلەن سوتلىدىڭ.
بىرقانچە كۈندىن بېرى فرانسىيىدىكى خىتايلىرىڭ فرانسىيىدە چاتاق چىقىرىپ ساقچىلار بىلەن قارشىلىشىۋاتىدۇ، سەن بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟ ۋەقە توغرىسىدا خىتايلىرىڭ تەرىپىدە تۇرامسەن ياكى فرانسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدە تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاندا سېنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق، قاتىللىق ھەرىكەتلىرىڭگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغانلارنى تېررور نامى بىلەن ئەيىبلىگىنىڭدەك فرانسىيە ساقچىسىنىڭ بىر خىتاينى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشى بىلەن كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ ساقچىلارغا قارشى تۇرغان خىتايلارنى تېررور نامى بىلەن ئەيىپلىيەلەمسەن؟

مەنبەسى: فېيسبۇك (قىساسكار يىگىت)

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى