تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 29.03.2017 13:20:54 يوللانغان تارىخ: 29.03.2017 13:20:54 0 933

د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىدا ياشلارنى تەربىيىلەش يىغىنى رەسمىي باشلاندى

يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن 15 دۆلەتتىن 55 نەپەر ۋەكىل تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلاردىن 50 نەپىرى مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن 28- مارت كۈنى بىرۈكسېلغا جەم بولغان

‏د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىدا ياشلارنى تەربىيىلەش يىغىنى رەسمىي باشلاندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەريىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ 12- قېتىملىقى، بىرۈكسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا رەسمىي باشلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، د ئۇ ق نىڭ بۇ قېتىمقى ئۇرۇنلاشتۇرغان پائالىيىتى بولسا، بىرقىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ سۆھبەتلىشىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىش ۋە ياشلارنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەزمۇنغا بۆلۈنگەن ئىكەن.
ئىگىللىنىشچە: 29-مارتتىن 31- مارتقىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن 15 دۆلەتتىن 55 نەپەر ۋەكىل تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلاردىن 50 نەپىرى مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن 28- مارت كۈنى بىرۈكسېلغا جەم بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيىدىنمۇ ۋەكىللەر تىزىملاتقان بولۇپ، يېقىنقى كۈنلەردە تۈركىيە- ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى سەۋەبلىك تۈركىيىدىن كېلىدىغان ۋەكىللەرنەڭ ۋىزا ئىشلىرىدا قىيىنچىلىق تۇغۇلۇپ يىغىنغا ئىشتىراك قىلالمىغان ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەتلەردىكى ۋەكىللەر ئاساسەن قاتناشقان ئىكەن. ئىگىللىنىشچە، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىغا، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىمۇ بىر نەپەر ۋەكىل ئەۋەتكەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش يىغىنىغا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تۇنجى قېتىم ۋەكىل ئەۋەتىشى ھېسابلىنىدىكەن.
مەزكۇر يىغىنغا يەنە، ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن باشقا بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە: يىغىننىڭ تۇنجى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىننىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلىرى يەنى 30- ۋە 31- مارت كۈنلىرى مەخسۇس ياشلارنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى بولىدىكەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى