ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 22.03.2017 12:24:31 يوللانغان تارىخ: 22.03.2017 01:22:29 0 1036

قەلبى ئۇنىڭ بىر قىزىل گۈلكەن

‏قەلبى ئۇنىڭ بىر قىزىل گۈلكەن

ئاكاتسىيە
كەلدى مېھمان غۇلجىدىن ئۆزى.
بالدىن تاتلىق شېرىن ھەم سۆزى.
ئۆزى خۇش پىل شۇنچە خۇش چاقچاق.
ئۆتكۈر ئىكەن ئالماستەك كۆزى.

قىلغان سۆزى ئىكەن دۇردانە.
يۈرەر ئىكەن ئۆزى يىگانە.
خوشامەتكە يوق ئىكەن رايى.
ھەقنى سوزلەپ تۇرار مەردانە.

ناخشىللىرى بەكمۇ جاراڭلىق.
ئەل ئوغلىكەن بەكمۇ ياراملىق.
ئەقىل بىلەن ئىش تۇتار ئىكەن.
قىلمايدىكەن زادى قاراملىق.

باشلار پاراڭ ئۆتمۈش تارىختىن.
زالىم خانلار قىلغان يارلىختىن .
دۇئا قىلار ئۇلۇق ئاللاھقا.
قۇتۇلسۇن دپ خەلقىم خارلىقتىن.

ھەر سوئالغا تاپار بىر جاۋاپ.
چالار ئىكەن دۇتتار ھەم راۋاپ.
ئايانىچلىق ئۇنىڭ سوزلىرى.
يۈرەكىمنى قىلدىغۇ كاۋاپ.


جاھان كېزىپ ھەممىنى كۆرگەن.
ئەل ۋەتەندەپ خىيالمۇ سۈرگەن.
ئويلاندۇرار قىلغان سۆزلىرى.
قەلبى ئۇنىڭ بىر قىزىل گۈلكەن.

2017.3.6. شىۋېتسىيە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى