ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 22.03.2017 01:11:25 يوللانغان تارىخ: 22.03.2017 01:11:25 0 1043

قىممەتلىك ھايات

‏قىممەتلىك ھايات
ئاكاتسىيە

ھايات قىسقا قەدىرلەپ ئۆتكىن.
كەلسە بىرى مېھمان قىلىپ كۈتكىن.
ئۆمۈر دېگەن ھەركىمگە ھەرخىل.
كەلسە مىسكىن ھالىغا يەتكىن.

كۆرمىگەننى كۆرىدۇ تېخى.
تالاي خىيال سۇرىدۇ تېخى.
دوقال ئۇرۇپ چىچەكلىرىنى.
كۆچەت تىكسە ئاينىماس بېغى.

بۇ ھاياتنىڭ سىناقلىرى كۆپ.
گاھ يۈرەر سەن قاتتق ياش توكۇپ.
دۇنيا دېڭىز ئىنسانلار كېمە.
يۈرەرسەن لەيلەپ گاھ چۆكۈپ.

بۇ دۇنيانىڭ سىرلىرى تولا.
يېشەلمەستىن دەيسەن بولدىلا.
رىزىقىڭ نەدە نەدە ئۆلىسەن.
ھېچكىم بىلمەس تەمتىرەپ قالار.

مىڭ يىل ياشاپ لوقمانمۇ كەتتى.
دۇنيانىڭ سىرىغا كىم يەتتى.
قۇلاق سالسام مەددا سۆزىگە.
سەن سەن دۇنيا بىۋاپا دەيتتى.

تۇغۇلۇپسەن چاپتۇرغۇنۇڭ ئات.
قانچە قىلساڭ چىقمايدۇ قانات.
قالور دۇنيا كېتىدۇ ئىنسان.
بارچىمىزگە قىممەتلىك ھايات.

2017.2.6 شىۋېتسىيە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى