تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 20.03.2017 23:28:59 يوللانغان تارىخ: 20.03.2017 23:28:59 0 946

شۈ خەيرۇڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن

‏شۈ خەيرۇڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى
خىتاينىڭ مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتېكومنىڭ شۇجىلىقىغا شۈ خەيرۇڭنى تەيىنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 19- مارت شەھەر بويىچە كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا شۈ خەيرۇڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شۇجىسى، ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە: ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ئالدىنقى شۈجىسى لى شۆجۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشەككۈر ئېيتتى