ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 20.03.2017 08:10:07 يوللانغان تارىخ: 20.03.2017 08:07:53 0 955

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھەيئىتى مەككىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئۆلىمالار يىغىنىغا قاتناشتى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، مەككىدە ئېچىلغان ئىسلام دۇنياسى ئالىملار ھەيئىتىنىڭ مەسلىھەت يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى

‏شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھەيئىتى مەككىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئۆلىمالار يىغىنىغا قاتناشتى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى بىلەن پۈتۈن دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى ۋە مەشھۇر كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئالىملار مەسلىھەت يىغىنىغا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، تەكلىپكە بىنائەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدا ئۈچ كىشىلىك بىر گۇرۇپ قاتناشتى.
مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھەيئەتلىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىسلام ئالىملىرى بىلەن ئۇچىراشتى. بۇ ئەسنادا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، تۈركىيە دىيانەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پروففېسۇر دوكتۇر مەھمەت گۆرمەز بىلەنمۇ كۆرۈشتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى