ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 14.03.2017 14:12:10 يوللانغان تارىخ: 14.03.2017 14:12:10 0 1300

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى گوللاندىيىنىڭ تۈركىيىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى

زوراۋان قىلمىشقا قەتئىي نارازى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدىغانلىقىنى ۋە يەنە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىققا ئوخشاش جىنايەتلەرگە

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى گوللاندىيىنىڭ تۈركىيىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق دىنىي زاتلارنىڭ بىر يەرگە جەم بۇلۇش نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىرى، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى بىلەن ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستېرىلىرىغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەسمىي توربېتىدە بايانات ئېلان قىلدى.
مەزكۇر باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىنىڭ 16 – ئاپرىل ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگىرىش كىرگۈزۈشكە ئاۋاز تاشلاش سايلىمىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە توسالغۇلۇق قىلغانلىقىغا، شۇنداقلا ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستېرى فاتىمە بەتۈل سايان كايا خانىمنىڭ گوللاندىيەدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن روتەردام شەھىرىدە ئۇچرىشىشىغا توسالغۇ بولۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن توختىماي، مەزكۇر شەھەردە توپلانغان تۈركلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەخلاققا خىلاپ مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى ئىتلارغا تالىتىش ۋە ئاتلارغا باستۇرۇشىغا قەتئىي نارازى بولغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا يەنە، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۇزۇن تارىخلىق نەپرەت ۋە ئاداۋىتى بىلەن تونۇلغان گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشى بىلەن ۋىيانا ئەھدىنامىسىگە رېئايە قىلمىغان ۋە خەلقارا قانۇنلارنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، خەلقارا قانۇندىكى توپلىنىش ۋە ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكىگە زوراۋانلىق بىلەن قارشى چىققان. گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشى بىلەن غەرپتە ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىقنىڭ ئوتىنى ئۇلغايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ زوراۋان قىلمىشقا قەتئىي نارازى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدىغانلىقىنى ۋە يەنە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىققا ئوخشاش جىنايەتلەرگە لەنەت ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەنبەسى، ئۆلىمالار بىرلىكى توربېتى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى