تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 07.03.2017 13:17:42 يوللانغان تارىخ: 07.03.2017 13:17:42 0 1068

ئابدۇللاھ ئاغرالى ئۇيغۇر مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى

تەشكىلات خادىملىرى بىرلىكتە شىۋېتسىيىدىكى سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى

‏ئابدۇللاھ ئاغرالى ئۇيغۇر مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيىيىنىڭ كونيا شەھىرىدىن ئاق پارتىيە مىللەت ۋەكىلى ئابدۇللاھ ئاغرالى شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان تۈرك ۋەتەنداشلىرىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئەسنادا شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىمۇ ئونۇتمىدى.
مىللەت ۋەكىلى ئابدۇللاھ ئاغرالى بىلەن شىۋېتسىيىدىكى ( ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى) نىڭ رەئىسى ئۆزەر ئەكىن ۋە تەشكىلات خادىملىرى بىرلىكتە شىۋېتسىيىدىكى سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ خادىملىرى ۋە سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇم قاتارلىقلار ئابدۇللاھ ئاغرالىنى 2017- يىلى 08- مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 دە، سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىدە كۈتۈۋالدى.
ئۇچرىشىش ئەسناسىدا مېھمانلار بىرلىكتە شام نامىزىنى ئوقۇدى كېيىن سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇردى.
مەزكۇر سۆھبەتتە تەشكىلات مەسئۇللىرى مىللەت ۋەكىلى ئابدۇللاھ ئاغرالى بىلەن مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى