دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 07.03.2017 05:33:11 يوللانغان تارىخ: 07.03.2017 05:33:11 0 449

شىۋېتسىيىدە ياغقان قاردا 74 ماشىنا قازاغا يولۇقتى ۋە 20 كىشى يارىلاندى

تىز سۈرەتلىك يولنىڭ ھەگگۋىك رايونىدا جەمئى 74 دانە ماشىنا قازاغا يولۇققانلىقى بىلدۈرۈلگەن

‏شىۋېتسىيىدە ياغقان قاردا 74 ماشىنا قازاغا يولۇقتى ۋە 20 كىشى يارىلاندى

بۈگۈن شىۋېتسىيىنىڭ ھاۋا رايى ئانچە ياخشى بولمىغان بولۇپ، ئەتىگەن سائەتلەردە يېغىشقا باشلىغان لەپ- لەپ قارنىڭ سوغۇقى ۋە ھاۋا رايىنىڭ نۆلدىن تۆۋەن 3~4 گىرادۇس بۇلۇشى سەۋەبى بىلەن يوللار مۇزلىنىپ سېرىلغاق بولغان. بۇ سەۋەبتىن ستوكھولمدىن ستوكھولم خەلقئارا ئايرىپورتىغا بارىدىغان ( E4 ) تىز سۈرەتلىك يولدا قاتناش ھادىسى يۈز بەرگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ( E4 ) تىز سۈرەتلىك يولنىڭ ھەگگۋىك رايونىدا جەمئى 74 دانە ماشىنا قازاغا يولۇققانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، مەزكۇر قاتناش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندىمۇ 20 كىشى يارىلانغان ئىكەن. ئەتىگەن سائەتلەردە باشلانغان قار ۋە شامالنىڭ سوغۇقى بىلەن يوللار سىرىلغاقلىشىش سەۋەبى بىلەن باشقا يەرلەردىمۇ قاتناش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى