تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 13.02.2017 11:45:10 يوللانغان تارىخ: 13.02.2017 11:36:45 0 1397

شىۋېتسىيە مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلى دەرسى

ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنلىرى 3 سائەت ئويغۇر ئانا تىلى دەرسى ئۈتىلىشكە باشلىغان

‏شىۋېتسىيە مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلى دەرسى

شىۋېتسىيە ياۋروپانىڭ شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان دۆلەت بولۇپ، ئون مىليۇن نوپۇسىغا ئىگە دېموكراتىك بىر دۆلەت. شىۋېتسىيە خىرىستىئان بىر دۆلەت بولسىمۇ، بۇ دۆلەتتە كۆپلىگەن مىللەتلەر ۋە ھەرخىل دىندىكىلەر ياشايدۇ. شىۋېتسىيىدە ياشايدىغان كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ شىۋېتسىيە قانونىغا قارشى كەلمىگەن ئەھۋالدا ئۆز دىنى، ئۆرپ- ئادەتلىرى، تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئىمتىيازلار بېرىلگەن.
بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقى ئۆزىنىڭ دىنى، ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە تىل- يېزىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەسچىت، مەكتەپ ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېچىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ تىل يېزىقىنى قوغداش ئۈچۈن مەكتەپلەردىكى چەتئەللىك بالىلارغا ئانا تىل دەرسى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە ۋاقىت تەسىس قىلىش ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە. شۇ قاتارىداشىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەپتىدە بىر قانچە سائەت ئۇيغۇر تىلى دەرس تەسىس قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈلۈپ كەلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە: شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمنىڭ ئاكاللا رايونىدىكى كوردوبا خەلقئارالىك باشلانغۇچ مەكتەپ ( Cordoba International School ) دە 15 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن (ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى) رەئىسىنىڭ مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇدىرى بىلەن بىرقانچە قېتىم كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپنىڭ چەتئەل تىلى تىزىملىكى قاتارىغا كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە، بىر نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەپتىدە 3 سائەت ئۇيغۇرچە دەرس بېرىشنى تەستىقلاتقان.
بۇ ھەقتە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ كۆكيارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كوردۇبا خەلقئارا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ھازىر جەمئى 15نەپەر ئۇيغۇر پەرزەنتى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئانا تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۈگۈن 2017- يىلى 13- فېۋرال كۈنىدىن باشلاپ ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنلىرى 3 سائەت ئويغۇر ئانا تىلى دەرسى ئۈتىلىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە: مەزكۇر مەكتەپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىكى ئۈچۈن تۈركىيىدە يېڭىدىن بېسىلغان ئويغۇر تىلى ئېلىپبەسى ئەكەلتۈرۈپ بەرگەنلىكىنى، مەكتەپتە ئۇيغۇرچە دەرىس ئۈتۈشكە ۋەتەندە سودا سانائەت قانۇنى بۇيچە باكلاۋۇرلۇق ئۇقۇغان ئالى مەلۇماتلىق ئۇقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە شىۋېتسىيىدە ئەل- ئەزھەر نامىدا يەنە بىر مەكتەپتىمۇ خېلى كۆپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇ مەكتەپتىمۇ بىرقانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا ئىكەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى