ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 13.02.2017 02:19:20 يوللانغان تارىخ: 13.02.2017 02:19:20 0 2248

بالا كەلسە قېرىنداشتىن كەپتۇ

بالا كەلسە قېرىنداشتىن كەپتۇ، ئاش بەرگەنگە مۇش بەر دېگەندەك يامان كۈنلەردە ئەس قاتقان تۈركىيىگە بىلىپ بىلمەي

‏بالا كەلسە قېرىنداشتىن كەپتۇ
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق بىر ماقال تەمسىلى بار، ئۇ بولسىمۇ ( بالا كەلسە قېرىنداشتىن كەپتۇ ). يەنە ( لەقەم ئۆيدىن چىقىدۇ ) دەيدىغان بىر سۆزنى ئەسلىگىنىمىزدە، بالىنىڭ مىجەزى خۇلقىنى بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ، بەزىدە ئۆيدە ئۆز - ئارا بىرەرسىنىڭ يامان تەرىپىنى قىلىشقان بولسا، ئۇ سۆز كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆز قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېغىزدىن چىقىپ كېتىش سەۋەبى بىلەن جەمئىيەتتە كەڭ تارقىلىق باشقىلار تەرىپىدىن يامان لەقەملەر بىلەن ئاتىلىشقا باشلايدۇ، دېمەك ئۆيدە قىلىشقان بەزى غەيرى گەپلەر باشقىلار تەرىپىدىن ئەمەس ئۆز قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن تارقىلىپ بىزگە ئاۋارچىلىق چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا.
بالا كەلسە قېرىنداشتىن كەپتۇ دېگىنىمىزدە، بالا كەلسە پەقەتلا بىر قوساقتىن تۇغۇلغان قان قېرىنداشتىنلا كەلمەستىن بەلكى قېرىنداش دەپ بىلگەن بىر دىنداش، ئېرىقداش، مىللەتداش ۋە ھېسداشلىقلاردىنمۇ بىر - بىرىگە بالالار كېلىشى ھەم مۇمكىن.
بىز ئۇيغۇرلار تۈركلەرنى مېسالغا ئالغىنىمىزدا تۈركلەردىن بىز ئۇيغۇرلارغا تارىختىن بۇيان زېيىنى يېتىپ باققىنى يوق. ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن قېچىپ تۈركىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى قېرىنداش بىلدى. كەڭچىلىك قىلدى، كىملىكسىز ياشىدى، كىملىك بەردى. بۇلۇپمۇ 2009- يىلى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا پۈتۈن دۇنيا قارغۇ بۇلۇپ قالغاندەك كۆرمەسكە سالدى، گاچا بۇلۇپ قالغاندەك سۆزلىيەلمەس بولدى. خىتاي ئالۋاستىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى كۆزىتىپ تۇرغان نە بىرلەشكەم مىللەتلەر تەشكىلاتى، غەرىپ ياكى ئامېرىكا، نە ئىنسان ھەقلىرى نە ئىسلام ئەللىرىنىڭ زۇۋانى چىقمىدى. زۇۋانى چىققان پەقەت تۈركىيە بولدى. شۇ قىرغىنچىلىقتىن خەۋەر تاپقان تۈركىيىنىڭ باش مىنىستېرى ھازىرقى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان مەردلەرچە مەيدانغا چىقىپ (ئېرقىي قىرغىنچىلىق) دەپ باھا بېرىشى بىلەن بىرگە، ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىغا 100000 (يۈز مىڭ) كىشىلىك نامايىشچىلار يىغىلىپ خىتايغا نارازلىقىنى بىلدۈرۈشى بىلەن خىتاينى چۆچۈتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ رىشتىسى تېخىمۇ چىڭىدى. شۇ ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيىدە ئۇزۇندىن بېرى نە كىملىكسىز نە رۇخسەت (ئىقامەت) سىز ياشاپ كەلگەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارغا تۈرك ۋەتەنداشلىقى بېرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن قانونسىز يوللار ئارقىلىق مالايسىيا ۋە تايلاندقا چىقىپ توختاپ قالغان نەچچە مىڭ ئۇيغۇر تۈركىيىگە يۆتكەپ كېلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
ئالدىغا كەلگەن تەييار تاماقنى كىمنىڭ يېگىسى كەلمەيدۇ؟ ئۇزۇندىن بېرى تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنى، مىللىي ۋە ھەر تۈرلۈك چەكلىمىلىرىگە ئۇچىراپ كەلگەن ئۇيغۇرلار، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئىزدىنىپ مىڭ تەسلىكتە ئاران تۈركىيىگە كېلىشى بىلەن تەڭلا، بۇ تەييار ئادەملەرنى يېنىغا تارتىشقا ئورۇنغانلار پۈرسەتنى قولدىن بەرمەي بۇ ئادەملەرگە ھەممە چاڭگىلىنى ئۇزارتتى.
بۇلاردىن قولغا كەلتۈرگەنلەرنى تۈركىيىگە قارشى بىۋاستە ھەرىكەتكە ئۆتكۈزمىسىمۇ ۋاستىلىق ھالدا ماجىراغا چاتتى.
بالا كەلسە قېرىنداشتىن كەپتۇ، ئاش بەرگەنگە مۇش بەر دېگەندەك يامان كۈنلەردە ئەس قاتقان تۈركىيىگە بىلىپ بىلمەي باشقىلارنىڭ شاخمات تاختىسىغا ئايلاندى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى