ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 12.02.2017 23:50:09 يوللانغان تارىخ: 12.02.2017 23:50:09 0 1023

روھاننىڭ ئالدىدا ياغلىق ئارتقان مىنىستېردىن ئىزاھات

ئىراننىڭ قانونىدا ئاياللارنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتىشى بەلگىلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ روھانى بىلەن كۆرۈشكەندە

‏روھاننىڭ ئالدىدا ياغلىق ئارتقان مىنىستېردىن ئىزاھات

شىۋېتسىيىنىڭ تىجارەت مىنىستېرى ئانن لىندې، ئىران جۇمھۇر رەئىسى روھانىنىڭ ئالدىدا بېشىغا ياغلىق ئارتقان ۋاقىتتىكى رەسىمى ئىجتىمائىي ئۇچۇر تورلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، مىنىستېر ئاننا بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىزاھات بەردى.
شىۋېتسىيىنىڭ باش مىنىستېرى ستېفان لۆفۋېن بىلەن بىرلىكتە ئىرانغا زىيارەتكە بارغان تىجارەت مىنىستېرى ئاننا لىندې، ئىران جۇمھۇر رەئىسى روھانى بىلەن كۆرۈشكەندە بېشىغا ياغلىق ئارتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئىزاھلىغان.
مىنىستېر ئانن، ئىراننىڭ قانونىدا ئاياللارنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتىشى بەلگىلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ روھانى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلغانلىق سەۋەبىدىن ياغلىق ئارتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە: سەئۇدى ئەرەبىستاندا بۇنداق بىر قانون يوق. كېلەركى ئايدا سەئۇدىغا زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە بېشىغا ياغلىق ئارتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

تۈركولوگ، مېھرى- مۇھاببەت، ياخشىلىق ياخشىلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ