دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 12.02.2017 07:31:25 يوللانغان تارىخ: 12.02.2017 07:31:25 0 959

شىۋېتسىيە دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە 9 سائەت ئۆچرەت ساقلىغان كېسەل ئۆلۈپ كەتتى

قان راكىغا گىرىپتار بولغان بېمارنىڭ ئۆيىدە داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، كېسىلىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىش سەۋەبىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش

شىۋېتسىيە دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە 9 سائەت ئۆچرەت ساقلىغان كېسەل ئۆلۈپ كەتتى

شىۋېتسىيەدە دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەللەرگە جىددىي قاراش بۆلۈمى (Akut) نامى بىلەن تونۇلغان جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ئۇزۇن ئۆچرەت ساقلىغان كېسەلنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
شىۋېتسىيە كۈنتەرتىپى تورىنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ رەسمى خەۋەر ئاگېنتلىقى (TT) نىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە: قان راكىغا گىرىپتار بولغان بىر بېمارنىڭ شىۋېتسىيىنىڭ يەۋلې (Gävle) شەھىرىدىكى دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە 9 سائەت ئۆچرەت ساقلاپ كېيىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە: قان راكىغا گىرىپتار بولغان بېمارنىڭ ئۆيىدە داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، كېسىلىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىش سەۋەبىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ئالاھىدە دوختۇرنى 9 سائەت بۇيىچە ساقلىغانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە: بېمارنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېمارنىڭ ئورۇق تۇققانلىرى، بېمارنىڭ ئۆلۈشىگە دوختۇرخانا سەۋەبچى دەپ قارىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەنبە: http://www.isvecgundemi.com/m/?id=8656

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى