تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 06.02.2017 00:01:38 يوللانغان تارىخ: 06.02.2017 00:01:38 0 1537

ئىستانبۇلدا 5 - فېۋرال غۇلجا شېھىدلىرىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە سىلەر ئۈچۈن ئانادولۇ ۋە بىر ئانىنىڭ قۇچاغى بىلەن ئوخشاشتۇر

5 – فېۋرال يەكشەنبە كۈنى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا 5 - فېۋرال غۇلجا شېھىدلىرىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىم شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم ئالدى بىلەن دىنى ئالىم ئىبراھىم داموللامنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە شېھىدلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش بىلەن باشلاندى.
مۇراسىمغا مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇراسىمدا جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان شېھىدلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى، بىرلىك – باراۋەرلىك ئىچىدە ئۇلارنىڭ يولىدا مېڭىشنى تەكىتلدى.
كېيىن قىسقىچە سۆز قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان ئىجتىمائى جەمئىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. شەرقىي تۈ ركسىتان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل ئەپەندى سۆز قىلىپ، غۇلجا شېھىدلىرىنى ھۆرمەت بىلەن خاتىرلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ كۈرەش قىلىۋاتقان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇھاجىرەت ھاياتتا ھەر خىل قىيىنچىلىققا ئۇچىرىۋاتقان مۇھاجىرلارغا ياخشى تىلەك بىلدۈردى.
مۇراسىمدا يەنە تۈركىيىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسۇر جالال ئەرباي سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن غۇلجىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىدلەرگە ھۆرمەت بىلدۈردىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. جالال ئەرباي سۆزىدە يەنە ۋەتەن خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا شېھىد بولغانلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشتىن ئىبارەت شەرەپلىك يولدا ئۆزىنىڭ نۆۋەت كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
جالال ئەرباي سۆزىدە يەنە تۈركىيە خەلقى ۋە دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ھېچ كىمنىڭ شۈبھىسى بولماسلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇراسىمدا يەنە قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىدىن ئابدۇقادىر تۈمتۈرك سۆز قىلىپ، شېھىدلەرنىڭ ئىسلامدىكى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرىلىقى توغرىسىدا توختالدى ۋە غۇلجا قاتارلىق پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۈتۈن شېھىدلەرگە ئاللاھتىن رەھمەت مەغپىرەت، جەننەت تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېيىن مۇراسىمنىڭ ئاساسىي سۆز قىلغۇچىسى بولغان ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ ئالىي كېڭەش كومتېتى رەئىسى مەھمەت گۈنەي ئەپەندى مۇنبەرگە چىقىپ «ئۆزگۈرىۋاتقان دۇنيا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
ئۇستاز مەھمەت گۈنەي ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە سىلەر ئۈچۈن بىر ئانا ۋەتندۇر، بۇ يۇرت چوڭ بىر ئىسلام ئېمپىراتۇرلۇقنىڭ قالدۇقى بولۇپ، بىر مەزگىل توغرا يولدىن ئاداشقان ۋە ھەتتا بىزنىمۇ ئۆز قوينىدىن قوغلىغان بولسىمۇ مانا ھازىر ئۆزىنىڭ ئەسكى لېنىيەسىگە قايتىۋاتقان بىر يۇرت دۇر.
تۈركىيە سىلەر ئۈچۈن ئانادولۇ ۋە بىر ئانىنىڭ قۇچاغى بىلەن ئوخشاشتۇر، يەنە كېلىپ بۇ ۋەتەن سۇرىيەلىك بولسۇن ياكى باشقا بىر مەزلۇم بولسۇن ھەممىگە ئوخشاش قۇچاق ئېچىۋاتقان بىر ۋەتەن دۇر، بىز سىلەر بىلەن موھاجىر- ئەنسارلار ئەمەس بەلكى قان قېرىنداشلارمىز، بىزنىڭ مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ قېرىنداشلىقىنى ئۇنۇتماسلىغىمىز لازىم.
مەھمەت گۈنەي ئەپەندى سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ بىر كۈنى چوقۇم ئازادلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ھازىرقى شەرت - شارائىت ئاستىدا پەقەت ۋە پەقەت تەلىم تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم، ئادەم تەربىيەلەشكە ۋە ئۆزىمىزنى يېتىشتۇرۇشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.
ئېلى ئىززەت بېگوۋېچنىڭ بوسنىيا ھېرسىگوۋېنىيا ئەسكەرلىرى، بىز ھازىر كۈچكە ئىگە بولدۇق ئەمدى بىزگە زۇلۇم قىلغان يۇگۇسلاۋ ئەسكەرلىرىدىن ئېىنتىقام ئالمامدۇق؟ دېگەن سۇئالىغا قارىتا، ھازىر تېخى ۋاختى كەلمىدى دەپ بەرگەن جاۋابىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم، بىزنىڭ سەۋېرجانلىق بىلەن ئېلىپ بارغان پىلانلىق ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ مېۋىسىنى مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم كۆرەلمىدى ئەمما ئابدۇقادىر ياپچان چوقۇم كۆرىدۇ.
3 سائەت داۋام قىلغان مۇراسىم ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى. مۇراسىم ئاخىرىدا مۇراسىمدا سۆز قىلغۇچى جەمئىيەت رەئىسلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە سەھنىگە چىقىپ خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.
مەنبەسى: ئىستىقلال تورى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى