ئىلمىي ماقالىلار

يېڭىلانغان تارىخ: 26.01.2017 05:49:22 يوللانغان تارىخ: 26.01.2017 05:49:22 0 2777

5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئەسلەيمىز!

قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇق ھاۋاسىتدا مەيدانغا كەلگەن قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى سوغۇق سۇ چېچىپ توڭنۇتۇشتەك

5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئەسلەيمىز!

بۇندىن 20- يىل بۇرۇن، يەنى 1997- يىلى 2- ئاينىڭ 5- كۈنى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە، تاجاۋۇزچى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي، مىللىي، سىياسىي بېسىملىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ نامايىش، قانخۇر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلدى. شۇ قېتىمقى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ، خۇددى 2009- يىلى 5- ئىيۇل كۈنى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاشلا، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ۋەھشىي ئۇسۇللار ئارقىلىق قانلىق باستۇرۇلغان ۋە ئەينى چاغدا خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان ۋەقەلەرنىڭ بېرى.

گەرچە ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا ھەم خەلقئارادا كۆپلىگەن سىياسىي ھادىسىلەر ۋە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى تاكى بۈگۈنچە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئونتۇلۇپ قېلىنماي ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

” 5 – فېۋرال كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىش كۈنلىرىدە، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك كۈن تەرىقىسىدە، ھەرخىل ئوخشىمىغان شەكىلدە خاتىرىلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ ۋە شېھىتلەر ئۈچۈن خەتمە قۇرئان ۋە دۇئا تىلاۋەت قىلىنىۋاتىدۇ.

5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ۋەياكى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى بەزىلەر ئويلىغاندەك ھەرگىزمۇ دائىرىسى مەلۇم بىر رايون ياكى شۇ رايۇندىكى كىشىلەر بىلەنلا چەكلەنگەن ۋە قارىغۇلارچە ئۆيدىن چىقىپلا ئېلىپ بېرىلغان ئىختىيارسىز ھەرىكەت بولماستىن، بەلكى ئۇ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان دىنىي كەمسىتىش، دىنىي بېسىم، مىللىي زۇلۇمىغا، مىللىي كەمسىتىشىگە، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى ئادالەتسىزلىكىگە قارشى كۆرسەتكەن ئورتاق ئىنكاسى ۋە نارازىلىقىدىن ئىبارەت.

” 5- فېۋرال ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغانلار پەقەت نوقۇل ھالدا غۇلجا دىيارىدىنلا بولماستىن بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇب ۋە شىمالى رايۇنلىرىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان پىدائىيلارنىڭ كېلىشى ۋە بىرلىكتە پىلان تۈزىشى ئارقىلىق پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرىكىدىكى ئورتاق دەردىنى غۇلجا مەيدانلىرىدا نامايان قىلدى.

قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇق ھاۋاسىتدا مەيدانغا كەلگەن قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى سوغۇق سۇ چېچىپ توڭنۇتۇشتەك رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ نامايىشچىلارنى باستۇرغان خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۇيغۇر پىدائىيلارنى قارىلاش ئۈچۈن يالغاندىن توقۇمىغان گەپلىرى تارخاتمىغان تەتۈر تەشۋىقاتلىرى قالمىدى.

بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتقان خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مۇنداق بىر خەۋەر تارقاتقان: «توپىلاڭچى ئۇنسۇر» لار، خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرايلى! تۇتۇپ كېتىلگەنلەر قويۇپ بېرىلسۇن!، دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن ئۇلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، نوپۇس دەپتىرى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى … قاتارلىقلارنى بىر- بىرلەپ كۆيدۈرۈشكە باشلىدى. ئەڭ رادىكال ئىپادىسى شۇ بولدىكى، خېلى كۆپلىرى يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ خىتايلارنىڭ كىيىمىنى كىيمەيمىز دەپ چاقىرىشىپ ئۈستىدىكى كىيىم- كېچىكلىرىنى سېلىپ تاشلاشقا باشلىدى. بۇ، 2- ئاينىڭ 5- كۈنى بولۇپ، چاغانغا ئىككى كۈن، روزى ھېيتقا بولسا بەش كۈن قالغان قەھرىتان سوغۇق كۈنى ئىدى، بەزىلىرى ھەتتا پۈتۈن كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ قىپ يالىڭاچ ھالدا ئالغا قاراپ يۈرۈشكە باشلىدى. دېگەندەك ئەپسانە گەپلەر بىلەن ئۇيغۇرلارغا تۆھمەت چاپلىغان.

ئۇيغۇر خەلقى، ئاساسەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان خەلق، ئېتىقادى ئاجىز بىر مۇسۇلمانمۇ كىشىلەر قېشىدا، بۇلۇپۇ كوچىلاردا كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ قىپيالىڭاچ بولىدىغان ئۇنداق ئەخلاقسىز بىر خەلق ئەمەس. يەنە كېلىپ 5- فېۋرال كۈنى نامايىشقا چىققانلار ئاساسەن دىنى ئېتىقادى كۈچلۈك، ئىلىملىك ياشلار ئىدى.


تارىختىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن كوممۇنىست خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق ھەرىكەتلەر، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىققان مىللىي توقۇنۇشلار بولسۇن مەيلى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار بولسۇن خىتاي ھاكىمىيىتى ۋەقەنىڭ ئەسلىسىنى ئاشكارا تارقاتقىنى يوق.

تولىمۇ ئەپسۇسكى، خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا ھەقىقىي تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھېچ بىر ئىجابىي ۋە سەمىمىي قەدەم بېسىپ باققىنى يوق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسيان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار ھەققىدىمۇ ھېچ بىر زامان ئەستايىدىل ئىزدىنىپ باققىنى يوق، پەقەتلا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قانلىق شەكىلدە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، 1949- يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ خاراكتېرىگە باھا بەرگەندە،” ھەرگىزمۇ كەڭ دائىرىدە باھا بەرمەستىن، بەلكى كىچىككىنە دائىرە ئىچىدە، بۇ، مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى بۆلگۈنچى زوراۋان ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ۋە كۆيدۈرۈش ھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەت، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. دېگەن سەپسەتىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

گەرچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە تارىخىدا كۆپلىگەن دەۋر ۋە ھاكىمىيەت باشلىقلىرى ئالماشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە قاراتقان زۇلۇمى، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆپەيسە كۆپەيدى، ھېچبىر زامان تۈگەپ قالغىنى ياكى ئازلاپ قالغىنى يوق. ئەكسىچە ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆتكەن مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت كاتتىۋاشلىرى، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ۋە تاكتىكىسىنى بىر- بىرىگە بىلەن بەسلەشكەن ھالدا ئۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ۋە قەبھىيلەشتۈرۈپ كەلمەكتە.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 68 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي، سىياسىي تەلەپلىرىنى تىنچ يول بىلەن ئادىل ھەل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى، زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىشقا مەجبۇر قىلدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى تارىخىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى يۈز بەرگەن ھەرىكەتلەرگە قارايدىغان بولساق، ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي، مىللىي، سىياسى ۋە ئىجتىمائىي بېسىملىرى، ھەددى ھېسابسىز چەكلىمىلىرى، كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەش، پىلانلىق تۇغۇتنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى نوپۇسىنى تىزگىنلىشى، دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئەركىن قىلالماسلىق، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى، ئاياللارنىڭ ئىسلامىي كىيىملەرنى كېيىشىنى، پەرزەنتلەرنى دىنىي تەلىم- تەربىيە ئرلىشنى چەكلىشى، ئانا تىلنى كەمسىتىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىپ يەرلىك خەلقنى نامرات قويۇشى، پەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماسلىق قاتارلىق بىر تۈركۈم رەزىل سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خىتاي ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە زورلاپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ.

ئاخىرىدا شۇنى قايتا ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەنكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقى، تارىختىن بۇيان ھېچ بىر زامان خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە باش ئەگكەن ئەمەس، خىتاي ھاكىمىيىتى ھەرخىل ھېيلە- نەيرەڭلەرنى ئىشلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەرقانداق بىر سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش ھەرىكەتلىرىمۇ ھېچبىر نەتىجىگە ئېرىشكەنمۇ ئەمەس. ئەكسىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنڭ ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇمى ۋە تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى مىللىي ئىرادىسى ۋە دۈشمەنگە بولغان غەزەب- نەپرىتى، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈنسايىن كۈچىيىپ ۋە ئۇلغىيىپ بارماقتا!

تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى، بۇ تارىخىي رېئاللىقتىن ساۋاق ئېلىشى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇ- ئىستەكلىرىگە قۇلاق سېلىشى ۋە ئىنسانىي ئەخلاققا قايتىشى لازىم!

دىنىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ئىسسىق قانلىرى ۋە ئەزىز جانلىرىنى تەقدىم قىلغان پىدائىيلىرىمىز ۋە شېھىتلىرىمىزنى ئونۇتمايمىز ۋە ئەسلەيمىز. جانابى ئاللاھ، ئۆزى دىنى ئۈچۈن، ئۆز خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن بۇ يولدا كۈرەش قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلىرىمىزنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقرى قىلسۇن، جانابى ئاللاھتىن بۇ يولدا كوممۇنىست خىتايلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كوممۇنست خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىغا مەھكۇم بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىپ بېرىشىنى، ئۇلارنى كوممۇنست خىتايلارنىڭ قاراڭغۇ زىندانلىردىن تىزىراق ۋە سالامەت چىقىشىنى تىلەيمەن!

تەييارلىغۇچى: پىداكار

كىنىشكە: غۇلجا ۋەقەسى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى