تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 24.01.2017 13:19:13 يوللانغان تارىخ: 24.01.2017 13:19:13 0 2488

بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىشنىڭ ئۆلچىمى

ھەر دەرىجىلىك شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلى خىزمىتىدە مەزكۇر ئىككى ئۇقۇمنىڭ قايسى بىرىنى ئەڭ بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش مۇھىم

بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىشنىڭ ئۆلچىمى

ئابدۇللا كۆكيار

بىرلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش تېمىسى دىياسپورا مۇھىتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر دەرىجىلىك سىياسى تەشكىلاتلار،دىننى جەمئىيەتلەر ۋە ئۇمۇميۈزلۈك شەرقى تۈركىستان خەلقى ئارىسىدا بىر تۈرلۈك ئۇمۇمىي ئېقىم سۈپىتىدە كۈن تەرتىپكە كېلىپ، چوڭ كىچىك يىغىنلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە باش يېتەكچى ئىدىيە شەكلىدە كۆپ تىلغا ئېلىنىپ تەكىتلىنىدىغان مۇھىم بىر نوقتىغا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىرلىشىش ئىتتىپاقلىشىشنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم ۋە نىزاملىرى ھەققىدە ئىلمى ئىزدىنىپ، بۇ ئىككى سىياسى ئۇقۇمنىڭ بىر- بىرىدىن پەرقلىنىدىغان تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلى خىزمىتىدە مەزكۇر ئىككى ئۇقۇمنىڭ قايسى بىرىنى ئەڭ بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش مۇھىم بىر ئىزدىنىش تىمىسى بولۇپ مەيدانغا چىقماقتا.

 2016-يىلى 11-ئىيۇلدىن 13-ئىيۇلغىچە پارىژدا چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى جەريانىدىكى دوكلات بېرىش، بايانات، سۆھبەتلەردە شۇنداقلا يىغىن نەق مەيدانىدا مۇخبىرلانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋەكىل ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ ئاساسلىق تەكلىپ-پىكىرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر خىل مەسىلىلەر قاتارىدا «بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق»تېمىسى كۆپ تىلغا ئېلىنغان ۋە تەكىتلەنگەن نۇقتا بولدى.. ئۇزاقتىن بىرى «بىرلىك ،ئىتتىپاقلىق» دېگەن بۇ تېما ئۈستىدە سىياسى مۇجادىلە ھاياتىمدا ئەمىلى كۆرگەن بىلگەنلىرىمنى ئاساس قىلىپ ئىزدىنىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بولساممۇ،ئۆزەمنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىم،ئائىلەمنىڭ خۇسۇسى ئىشتىن سىرتقى ئىشلىرى شۇنداقلا تەشكىلات خىزمىتى،قاتارلىق مۇھىم ئىشلىرىم سەۋەبلىك بۇ،نىشانىم ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشالمىغان ئىدى. يېقىندا تۈركىيەدىكى ئاتاقلىق ئۇستازىمىز ئابدۇلھېكىم خان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىپ چەكسىز قايغۇغا چۆمدۈردى.بارلىق مۇھىم ئىشلىرىمنى تاشلاپ،ئىش ئورنۇمدىن رۇخسەت ئېلىپ سەپداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە مەرھۇمنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 2016-يىلى12-ئاينىڭ 23-كۈنى جۈمە ئەتتىگەن ئىستانبۇلغا يىتىپ باردىم.شۇ كۈنى مەن بىلەن ئۇزاق مۇددەت دىدار كۆرۈشەلمىگەن بەزى دوستلىرىم،مىنىڭ ئۈندىداردىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەنلىكىمنى،مۇھىم تېمىلاردا بىر نەرسە يېزىشتىن توختاپ قالغانلىقىمنى ئېيىپلاپ، يېزىشنى ئامال بار توختىتىپ قويماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى. شۇئان بۇ پىلانىمنى چۇقۇم ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆڭلۈمگە قايتىدىن پۈكۈپ ئويلىنىشقا باشلىدىم.

ئادەتتە بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش دېگەن سۆزلەرنى ھەممىمىز ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىپ ياكى ئاڭلاپ تۇرىمىز.لېكىن بۇ ئۇقۇملار ئارىسىدىكى پەرقنى

ھەممەيلەننىڭ بىلىپ كېتىشى ناتايىن. شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ يېقىنقى زامان تەشكىلاتچىلىق تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق نۇرغۇن كۈچلۈك تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىشىش شۇئارى ئاستىدا تەلتۈكۈس ۋەيران بولۇپ سىياسەت سەھنىسىدىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز.

ھەردەرجىلىك شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەمىلى خىزمەتلىرىدە ئۇزاق تارىختىن بۇيان نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ،بۇنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى دەل شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ تۇنىشىدا «بىرلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش» نىڭ ئۆلچەم ۋە نىزاملىرى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن.بەلگىلەنگەن تەقدىردىمۇ ھەممە بىرلىككە كەلگەن شەكىلدە ئۆز ئارا بىر بىرىنىڭ پىكرىنى ھۆرمەتلەش ئاساسىدا ئەمەس بەلكى مەلۇم بىر نوپۇزلۇق تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئۆزىنىڭ خىزمەت مېتودىنى شۇنداقلا ئۆزگىرىشچان سىياسى مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىش ئۇچۇن سىزغان خۇسۇسىي ئەندىزىلەرنى(يول خەرىتىسىنى) ھەتتا بىر پۇتۇن ئوي تەپەككۇرىنى باشقا بىر ساھەدە جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلات ياكى گۇرۇھلارغا زورلۇق بىلەن تاڭغانلىقتىن بولغان .ياكى مۇئەييەن بىر ئالدىن قاتارغا قويۇشقا تېگىشلىك خەيرلىك خىزمەتنىڭ پىلان لايىھىسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ ئۆز ئارا ھەمكارلىشالايدىغان نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاساسىنى يارىتىپ،ئۆز ئارا چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشىنى ئەمىلى پاراكتىكا ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇپ بولالماي تۇرۇپ ھۇلى بۆش بىرلىك سەپ بەرپا قىلىشقا ئالدىرغانلىقتىن، ساپلىقنى ھەددىدىن زىيادە شەرت قىلغانلىقتىن بولغان.ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىڭىمىزنى دەۋر ۋە شەرت شارائىتنىڭ تەقەززاسىغا ماس ھالدا تەرەققى قىلدۇرمىغانلىقتىن، پارتىيەچىلىك، جامائەتچىلىك ئېڭىمىزنى دۆلەتچىلىك ئېڭىمىزنىڭمۇ ئۈستىگە قۇيىۋالغانلىقىمىزدىن بولغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى شەرقى تۈركىستان نىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇمۇمىي سىياسى مۇجادىلە،دىننى تەشۋىقات ۋە بارلىق ئىجتىمائىي خىزمەت ئىشلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە بەش قولدەك ئايان.

گەرچە «بىرلىك ،ئىتتىپاقلىق» تىن ئىبارەت بۇ،ئىككى سىياسى ئۇقۇم، ئاددى بىر شەخسى كىشىلەردىن باشلاپ تاكى ھەر دەرجىلىك سىياسى تەشكىلات ۋە دىننى ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىرىگە قەدەر ھەركىم ئەھمىيەت بېرىپ،ئۇنى تەشكىلى خىزمەت ھاياتىغا ئەمىلى تەتبىقلىمىسا زادى بولمايدىغان بىرخىل مۇھىم ئامىل بولسىمۇ،مەزكۇر ئىككى ئۇقۇمنىڭ كونكرېت ئۆلچەم ۋە نىزاملىرى ئېنىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇنى تەشكىلى قۇرۇلمالىرىمىزغا خىزمەتلەرنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىمىزغا توغرا تەتبىقلاپ دۇرۇس نەتىجىگە ئېرىشىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

قۇرئان كېرىمدىمۇ «بىرلىك ،ئىتتىپاقلىق» نۇرغۇن قېتىم تىلغا ئېلىنىپ قاتتىق تەكىتلەنگەن .ئەمما دەۋرىمىزدىكى ئۇمۇمىي مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى شۇنداقلا شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ تەشكىللىنىش،جامائەت بولۇپ ئۆز ئارا ئۇيۇشۇش ئىشلىرىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا دەل قۇرئاندا تەكىتلەنگەن «بىرلىك ،ئىتتىپاقلىق»نى ئەمەس ئەكسىچە تەپرىقىچىلىك،ئىختىلاپ دېگەنلەر كۆزىمىزگە قەدەمدە بىر چېلىقىپ تۇرىدۇ. بۇنى ھەدىس شەرىف تا ئاللا بۇرۇن بېشارىتى بېرىلىپ بولغان«ئاخىرقى زاماندا ئۇممىتى مۇھەممەد نىڭ 73 خىل پىرقىگە بۇلنىشى» گە باغلاپ چۈشەنسەكمۇ، «بىرلىك ،ئىتتىپاقلىق» تىن ئىبارەت بۇئىلاھى تەلەپ، يەنىلا كۈچكە ئىگە،تاكى قۇياش غەرىپ تەرەپتىن كۈتۈرۈلۈپ،يەر شارى تەتۈرسىگە ئايلىنىشقا باشلاپ قىيامەت رەسمى باشلانغان مىنۇتقا قەدەر «بىرلىك ،ئىتتىپاقلىق» تىن ھېچ كىم باش تارتىپ بولالمايدۇ.ئۇنداق بولغان ئىكەن «بىرلىك ،ئىتتىپاقلىق» نى ھەقىقى تۈردە ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللار ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى ھەققىدە ئىزدىنىش، دىننى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر خىزمەت.دىينىمىزدا ئىككى نەپەر ئاداۋەتلىشىپ قالغان ئادەملەرنىڭ ئۆتتۇرسىنى ياخشىلاپ قۇيۇشتەك ئجتىمائى جەمىيەتنىڭ كىچىك بىر ھۇجەيرىسى نىڭ خىزمىتىنى قىلغانلىق چوڭ بىر ساۋاب ھىساپلانغان يەردە ،بىر پۇتۇن مىللەت نىڭ تەشكىلى قاتلىمىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇلۇق بىرلىكنڭ ئۆلچىمى ھەققىدە ئىزدىنىپ باش قاتۇرۇش تېخىمۇ ساۋابلىق ئىش بولسا كېرەك.

باشتا دەپ ئۆتكەن دەپنە مۇناسىۋىتى بىلەن شۇ، كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تەزىيە يىغىندىمۇ «بىرلىك ئىتتىپاقلىق» دېگەن تېما ئىنتايىن كۆپ تىلغا ئېلىندى.مەزكۇر يىغىندا ئۆزىنى سىنئالغۇدىن قاچۇرۇپ نام شەرپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق ۋە يۇقۇر سەۋىيە بىلەن سۆز قىلغان بىر ئۇيغۇر دوكتۇرنىڭ«ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ چارە تەدبىرلىرى»ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى،شۇنداقلا ھەبىيبۇللاھ كۈسەنى ئۇستىنىڭ «ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىك»نىڭ ئۆلچەم مىزانى بولىشى كېرەكلىكى ھەققىدە دىننى نوقتىلارنى ئاساس قىلىپ قىلغان سۆزلىرى دىققىتىمنى تارتتى.ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە «مۇسۇلمانلار ياشايدىغان ئەللەردە ئىشكى تاشقى ئامىللار سەۋەبلىك مەيدانغا كېلىپ كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ كېتىۋاتقان تەپرىقىچىلىك،مەزھەپچىلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر چارىسى «مۇسۇلمانلار ئارا ئىتتىپاقلىق،بىرلىك ۋە ھەمكارلىق»نى كۈچەيتىش ئىكەن. بىرلىك ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى،«ئىسلام دىندىكى ئۆزگەرمەس پرىنسىپال مەسىلىلەردە چىڭ تۇرۇپ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش،ئۆزگىرىشچان پىقھى مەسىلىلەردە مۇسۇلمانلار ئۆزئارا بىر بىرىنىڭ ئۆي تەپەككۇرۇغا ھۆرمەت قىلىشىپ كۆپ خىللىقنى كەڭ يولغا قۇيۇش» ئىكەن.

ئۆزەمنىڭ ئەمىلى كۆرگەن بىلگەنلىرىمنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ،مەزكۇر ئۇيغۇر ئۇستازلارنىڭ «بىرلىك ئىتتىپاقلىق»نى چۆرىدەپ ئېيتقانلىرىنى ئانالىز قىلىشىمچە،مەزكۇر چارە –تەدبىرلەر،پەقەتلا ئىسلام دىنىدا نېمىلەرنىڭ سابىت« ئۆزگەرمەس»ئاساسلىق مەسىلىلەر ،نېمىلەرنىڭ ئۆزگىرىشچان تارماق مەسىلىلەر كاتىگورىيسىگە كىرىدىغانلىقى قاتارلىق دىننى بىلىملەردىن دەسلەپكى ساۋاتقا ئىگە مۇسۇلمان توپلۇقلىرى ئارىسىدا ئۇمۇمىي بىرلىك ياكى ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىنتايىن ماس كىلەتتى. بۇ يەردە ھاسىل بولغان قۇرۇلمىغا«بىرلىك»دېگەن سۆز ئىبارە ئشلىتىلسە توغرا بولغان بولاتتى.ئەمما دۇنيادىكى كۆپ خىللىقنى ھۆرمەتلەش ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بەزى چوڭ بىرلىكلەر نىڭ كۆپ خىللىقنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇلىرىنىڭ دەرىجىلىرى باشقىچىرەك بولۇپ،بۇنىڭدا تۈپتىن بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان دىينى ئەقىدە، ھەرخىل مەدەنىيەتكە ئىگە توپلۇقلار ئارىسىدىكى سىياسى ،ئىجتىمائىي نىزا ۋە تالاش تارتىش،قاتارلىقلارنى توغرا بىتەرەپ قىلىپ ئۆز ئارا ئىتتىپاق ئۆتۈش كۆزدە تۇتىلاتتى.بۇ،يەردە ھاسىل بولغان قۇرۇلمىغا «ئىتتىپاقلىق» دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىش ئەڭ توغرا بولغان بولاتتى.بۇخىل قۇرۇلما ئىچىدە ئورتاق نۇقتىلارنىڭ دائىرىسىمۇ ئىنتايىن تار بولاتتى.

تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا،ئوخشاش دىن،ئوخشاش تىل،ئوخشاش مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان،بىرخىل مۇھىت ۋە شەرت شارائىتتا ياشاپ چوڭ بولغان جامائەت توپلۈقلىرى ئارىسىدا ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش قۇلاي بولاتتى.ئەكسىچە بولغاندا كۆپ خىللىقنى ھۆرمەتلىشىش پرىنسىپىغا ئۆز ئارا قاتتىق رىئايە قىلىشىش ئارقىلىق ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،ئەڭ ئاۋۋال ئىتتىپاقداش بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك ئىدى.ئىتتىپاقلىق ھەقىيقى مەنىسىنى تېپىپ ئوخشىمىغان قاراشتىكى جامائەت توپلۇقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئۆز ئارا بىر-بىرى بىلەن تىپىشىشتىن توختاپ،بىر –بىرى بىلەن ماگنىت ۋە مىتال كېبى تارتىشىش باسقۇچىغا كىلىپ، تەلەپ قىلىنغان ساپلىق مەلۇم دەرىجىدە يۇقۇرلىغاندا ئاندىن بىرلىك دېگەندىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئىدى.

كۆپ خىللىقنى ھۆرمەتلەش ئېڭى ھەر قايسى جامائەت توپلۇقلىرى ئارا قانچە يۇقىرى بولغانسېرى يۇقىردا دېيىلگەن ئىككى خىل قۇرۇلما ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە ياكى ئۇمۇمى بىرلىك سەپنىڭ ئاساسىمۇ شۇنچە پۇختا بولغان بولاتتى.ئۇمۇمى بىرلىك سەپنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا كۆپ خىللىق دائىرىسىنى قانچە كېڭەيتكەنسىرى ،دوستانە رىقابىتىنىڭ كۈچىمۇ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ،ھەممەيلەننىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى چوڭ بىرلىك سەپنىڭ كۈچىدىمۇ زور ئىلگىرىلەش بارلىققا كىلەتتى.

ئۇشبۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا «بىر-بىرىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشىش، ۋە كۆپ خىللىقنى ھۆرمەتلەش بىلەن ئۇمۇمى بىرلىك سەپ بەرپا قىلىشنى توغرا بىتەرەپ قىلىش،«بىرلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش»نىڭ بىرىنچى ئۆلچىمى بولغان بولاتتى.

يۇقۇردىكىلەر مىنىڭ « بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش نىڭ ئۆلچىمى» ھەققىدە

بىر نەچچە ئون يىللىق سىياسى خىزمەت قىلىش جەريانىدىكى ئەمىلى كۆرگەن بىلگەنلىرىمدىن،تەشكىللىنىش خىزمەتلىرىمىزدە ئەمىلى دۈچ كەلگەن بەزى بىر قىيىنچىلىقلارنى بىتەرەپ قىلىش خىزمەت تەجىربىلىرىمدىن يەكۈنلەپ چىققان شەخسى كۆز قاراشلىرىم بولۇپ،ھەممىسىنىڭ توغرا بولۇپ كىتىشى ياكى ھەممىسىنىڭ خاتا بولۇپ كىتىشى ناتايىن.مېغىز قىسمىنى ئېلىۋېلىپ شاكىلىنى تاشلىۋېتىشىڭلارنى سورايمەن!

دينى ئىتىقاد«تەۋھىد» ،تائەت-ئىبادەت،ھالال ۋەھارام،ئەخلاقى پرىنسىپ قاتارلىق سابىت «ئۆزگەرمەس» مەسىلىلەر،قىسقارتىپ ئېيتقاندا ھەق دىن ئىسلام نىڭ ئۆزگەرمەس ئاساسى پىرىنسىپلىرىنى مۇسۇلمانلارغا تەتبىقلاش نوقتىسىدىن ئېلىپ ئييتقاندا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ خىل پەرىقەلەرگە بۆلىنىپ كېتىشى،ئۆز ئارا تەرەپ تۇتۇشۇپ ئورۇنسىز تالاش-تارتىش قىلىشىشى ،مەلۇم بىر قىسمىغىلا قاتتىق ئېسىلىۋېلىپ،مەلۇم بىر قىسمىنى ئۇنتۇپ قېلىشى،قاتتىق مەنئى قىلىنغان.بۇ ھەقتە نە مۇسۇلمانلار ئۆز ئارا نە باشقا دىندىكىلەر بىلەن مۇرەسسە قىلىشىپ ئورتاق بىر ئۆلچەمنى كەشىپ قىلىپ چىقىش ياكى نىسپى ھالدا دىندىكى سابىت مەسىلەلەرنىڭ مەلۇم قىسمىدىن تانازۇل قىلىپ بىرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس،ئۈشبۇ سابىت مەسىلىلەردە ئۆزىنى مۇسۇلمان ھىسابلىغان ھەر بىر ئادەم بىردەك تۇنۇشقا ئىگە بولىشى شەرت.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوخشىمىغان دىندىكى كىشىلەرنىڭ دىينى ئىتىقاد،ئوي تەپەككۇر جەھەتلەردىكى كۆپ خىللىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ھۆرمەتلىنىشى قۇرئاندا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بىرخىل يۈكسەك قىممەت قاراش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ ھەرخىل تىللىق ھەرخىل دىنلىق ۋە ھەرخىل رەڭلىك بولىشىدەك ئىلاھى قانۇنىيەتنى ،ھەرخىل مەدەنىيەتكە ئىگە دۇنيانىڭ رەڭدارلىقىنى ھۆرمەت قىلماسلىق ئەسلىدە كوممۇنىست ئالۋاستىلىرىدىن باشقا ھېچ قانداق بىر ئىدىلوگىيە ساھىبىغا ماس كەلمەيدىغان بىر خىل دوگما رادىكاللىقتىن ئىبارەت.

(ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى،پۇتۇن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت يەنى بىر دىندا قىلاتتى،ئۇلار دىن توغرىسىدا داۋاملىق ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر،پەقەت پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا) ھۇد سۈرىسى 118-ئايەتنىڭ تەپسىرىگە قارالسۇن!

ئادەملەرنىڭ قانداق بىر دىنغا مەنسۇپ بولىشىدىن قەتئى نەزەر «بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق »تىن ئىبارەت بۇ ھەر ئىككى قۇرۇلمىغا شەخسلەردىن باشلاپ تاكى دۆلەتلەرگىچە ھەركىمنىڭ

ئىھتاياجى بار،ئۆز ئارا چۈشۈنۈش ۋە ھۆرمەتلەش ئاساسىدا ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان «ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىك» قۇرۇلمالىرى ئەسلىدە زور بىر كۈچتىن ئىبارەت. مۇبادا بىرلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش نىڭ ئۆلچەم ۋە نىزاملىرى ھەممە بىرلىككە كەلگەن شەكىلدە ئۆز ئارا بىر بىرىنىڭ پىكرىنى ھۆرمەتلەش ئاساسىدا ماقۇللانمىغان ۋە شۇنىڭغا مەجبۇرلايدىغان بىرە كۈچلۈك تاشقى ئامىل تۇغۇلمىغان تەقدىردە ئۇنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى كىچىكىپ كېتىدۇ.

يىراققا بارماي ھەممىمىزگە تونۇشلۇق «ياۋرۇپا بىرلىكى»گە بىر نەزەر سالايلى!

تارىختا قۇدرەتلىك دەپ نام چىقارغان رۇم ئىمپىراتۇرلىقى گۇمران بولۇپ،ياۋرۇپا قىتئەسىدە ئاستا –ئاستا يېڭىچە مىللى تۈس ئالغان دۆلەتلەرقۇرۇلۇپ،ھەممە مۇستەقىللىق جاكارلاپ ئەركىنلىك نىڭ تەنتەنىسىنى قىلىشىپ،ھەر كىم ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى مەلۇم سەۋىيىدە تەرەققى قىلدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن 1851-يىللىرى ياۋرۇپا بىرلىكىنى قورۇپ چىقىش تەشەببۇسلىرى تالاي قېتىم ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بولسىمۇ،مەزكۇر بىرلىكنىڭ نەزرىۋى ئاساسى،مىزان ئۆلچەملىرى ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشالماي قالىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرىشى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشى مالىمانچىلىقىدىن قاتتىق چۇچىغان بىر نەچچە دۆلەت ئاخىرى ئەقلىنى تېپىپ «ياۋرۇپا ئەللىرى بىرلىشىپ ھەمكارلىشىپ تاشقى دۈشمەندىن مۇداپىيەلەنمىسە بولمايدىغانلىقى»نى تونۇپ يېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن 1951-يىللىرى يەنى توپ توغرا يۈز يىلدىن كىيىن ئاران ئىقتىساد ۋە سودا ھەمكارلىقى قۇرالايدۇ. ياۋرۇپا بىرلىكى ئەنە شۇ،باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش جەريانىدا تاۋلىنىپ ،ھازىر بىز كۆرەۋاتقان سېستىمىلىق بىرلىكنى ۋۇجۇتقا چىقارغان.

خۇلاسە كالام:

بىز دىياسپورا مۇھىتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر دەرىجىلىك شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى،دىننى جەمئىيەتلەر ۋە ئۇمۇمىي خېلىق ئارىسىدا ھەر قانداق بىر شەكىلدىكى «بىرلىشىش ۋە ياكى ئىتتىپاقلىشىش»نى ھەقىيقى تۈردە ئەمىلىلەشتۈرىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇمۇمى بىرلىك سەپنى مۇستەھكەملەش،ئاساسى غايە نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا، كۆپ خىللىشىشنى كەڭ يولغا قويىشىمىز ،زامانىۋى دىمۇكراتىيە تۈزۈمىدىكى بەزى دىينىمىزغا خىلاپ كەلمىگەن پىرىنسىپلاردىن پايدىلىنىشىمىز لازىم!بىرلىشىش ياكى بىر يول تۇتۇش،ئارقىلىق زور كۈچ ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان،زور نەتىجە قازانغىلى بولىدىغان شارائىتتا چۇقۇم بىر يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىشىمىز،ناۋادا كۆپ خىللىشىش،كۆپ خىل يول تۇتۇش ،تۈلەيدىغان بەدەل تارتىدىغان زىياننى ئازايتىدىغان،خىزمەت ئۈنىمىنى

ئاشۇرىدىغان ئەھۋال ئاستىدا، كۆپ خىل يول تۇتۇشقا، ماھىر بولىشىمىز لازىم ! شىۋېد خەلقىنىڭ «ھەممە تۇخۇمنى بىر پۇلۇققا سېلىپ ئېلىپ ماڭماڭ»دېگەن بىر ماقال تەمسىلىسى بار بولۇپ، پىشقەدەم ئەجداتلىرىمىز دۈشمەنلەر بىلەن جەڭ قىلىش جەريانىدا ھەر قېتىم قىيىن ئەھۋاللارغا يۇلۇققان چاغلىرىدا تۈلەيدىغان بەدەلنى ئازايتىش ئۈچۈن كۆپ خىل يول تۇتۇش سىياسى تاكتىكىسىنى قوللانغان.ئويغانغان زىمىن ناملىق تارىخى روماندىكى(ماخمۇت مۇھىيتى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ سېپىل قورشاۋىنى بۆسۇپ چىقىش) تاكتىكىلىرىغا قارالسۇن!

سىياسى بىرلىك ئۇقۇمى نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا "بىرلىك،ئىتتىپاقلىق"قانداقتۇر مەغرىبتە ياشايدىغان شەرقى تۈركىستانلىقلاردىن باشلاپ مەشرىقتە ياشايدىغانلارغا قەدەر،ۋەتەن ئىچىدە ياشايدىغانلاردىن تارتىپ دىياسپورادا ياشايدىغانلارغا قەدەر ھەممىسى بىرلا پارتىيە قۇرۇپ،شۇ بىر پارتىيەنىڭ بايرىقى ئاستىدا مېڭىشنى كۆرسەتمەيدۇ. ھەقىيقى بىرلىك-ئىتتىپاقلىق (ھەر بىر شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۆزىدىكى قابىلىيەتنى ئىشقا سېلىپ ئەمىلى بىر ئىش قىلىشقا ئاتلىنىشىنى،مەۋجۇت شەرت-شارائىتقا بېقىپ تىنىمسىز تىرشىشىنى، ھەممەيلەننىڭ نەزىردە ئورتاق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۈيۈك غايە-نىشان (ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن كىيىنكى مۇستەقىللىق)نى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ئارا ئىيجابى رىقابەت يارتىشنى كۆرسىتىدۇ.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى