ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 13.11.2016 14:39:58 يوللانغان تارىخ: 13.11.2016 14:39:58 0 17271

خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىش سەۋەبى بىلەن (سېرىق سېگنال) تارقىتىلدى

ئەگەردە سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسا ئاغزىغا ماسكا تاقاپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلغان

‏خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىش سەۋەبى بىلەن (سېرىق سېگنال) تارقىتىلدى

خىتاينىڭ شىمالىدا رايونلىرىدىن ( خېبىي، خېنەن، شەنشى، ۋە شەندۇڭ ناھىيىلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىيەنجىن ۋە خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدە ھاۋا بۇلغىنىش سەۋەبى بىلەن سېرىق سېگنال ئېلان قىلىندى.
خىتاي ھاۋا تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ شىمالىي رايۇنلاردا ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى سەۋەبى بىلەن، ئەتىدىن باشلاپ زۆرۈرىيەت بولمىغاندا خەلقنىڭ سىرتلارغا چىقماسلىقىنى، ئەگەردە سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسا ئاغزىغا ماسكا تاقاپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا يۈز بەرگەن ھاۋا بۇلغىنىش سەۋەبى بىلەن مەلۇمات بەرگەن سېگنال سىستېمىسى، رايوندا كۆك، سېرىق، قىزىل ۋە قىزغۇچ سېرىق بۇلۇپ تۆت خىل رەڭدە كۆرسەتكەن.
خىتايدا 2014- يىلىدىن بۇيان ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى كۆپلەپ يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتايدىكى ھاۋانىڭ بۇلغۇنىش سەۋەپلىرىنى مۇنداق بايان قىلماقتا، خىتايدا يۈز بەرگەن ھاۋانىڭ بۇلغۇنىشى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرقشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاتوم سىناق قىلىش، مانىۋېر ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خېمىۋىي دورىلار ئارقىلىق ساپ ھاۋانى بۇلغىشى، خىتايدىكى زاۋۇت كارخانىلاردىن چىققان كېرەكسىز ماددىلارنى پىلانلىق ھەل قىلمىغانلىق سەۋەبلەر ئارقىلىق ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى