تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 12.11.2016 12:43:48 يوللانغان تارىخ: 12.11.2016 12:43:48 0 3146

ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە ئېچىلغان (سوتۇق بۇغراخان مەسچىتى) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدا تۇنجى بەرپا بولغان (سوتۇق بۇغراخان مەسچىتى) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن، (ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى) نى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى

ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە ئېچىلغان (سوتۇق بۇغراخان مەسچىتى) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشى ۋە شىۋېتسىيىدە توغۇلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراق، تەلىم- تەربىيە قاتارلىق تۈرلۈك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىككى يىل تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن (تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى) شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى سەپەرۋەر قىلىپ 2016- يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا، ستوكھولمنىڭ رىسسنە (Rissne) رايونىدا 176 كۋادرات مىتېر چوڭلۇقتىكى بىر ئورۇننى كىرالاپ مەسچىت قىلىش ئۈچۈن ئۆي شىركىتى بىلەن توختاملاشقان ئىدى.

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدا تۇنجى بۇلۇپ مەيدانغا كەلگەن مەسچىت تۇنجى قېتىم 12- ئاۋغۇست كۈنى جۈمە نامىزى ئوقۇلۇش بىلەن كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىغا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە ئالدىنقى ئايدا مەسچىت ھەيئەت ئەزالىرى يىغىن چاقىرىپ، مەسچىتنىڭ نامىنى ئۇيغۇرلار تارىخىدا تۇنجى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان خاقان (سۇلتان سوتۇق بۇغراخان) نىڭ ئىسمىنى بېرىشنى قارار قىلىش بىلەن بىرگە، مەسچىتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى، شەرقىي تۈركىستاندا 1933- 1944- يىللىرى 12- نويابىر كۈنى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىپ، بۈگۈن 12- نويابىر شەنبە كۈنى، شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدا تۇنجى بەرپا بولغان (سوتۇق بۇغراخان مەسچىتى) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن، (ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى) نى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى.

بۇ قېتىمقى قوش مۇراسىم، (ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى) نىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ كۆكيارنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىشى بىلەن 12- نويابىر كۈنى شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 12:00 دە باشلىنىپ 14:30 دە ئاخىرلاشتى.

مەزكۇر مۇراسىمغا، ستوكھولمدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تۈركىيىنىڭ شىۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇشاۋىرى فاتىخ قاراجا، تۈركىيە تاشقى تۈرك ئورۇق- تۇغقانلار توپلىمىنىڭ شىۋېتسىيىدىكى ۋەكىلى رافېد جاندەمىر، تۈركىيە دىيانەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىگە قاراشلىق رىنكېبۈي ( Rinkeby) مەسچىتىنىڭ ئىمامى ۋەيسەل قىلىچ، رىنكېبۈي ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى، تېنىستا (Tensta ) مەسچىتىنىڭ ئىمامى يۈسۈف ئايدىن، تېنىستا ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىلياس ئاجار، سوللېنتۇنا (Sollentuna) ۋە سكوگوس (Skogås) مەسچىت ۋە ۋەستروس (Västrås) قازاق ئىسلام فېدراتسىيۇنىنىڭ ۋەكىلى مەھمۇد غوجا، فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ۋەكىلى تاھىر ھاجى، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرى، تۈرك تەقۋا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسنىڭ ۋەكىلى، شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ مەسئۇلى مەھمۇد خارراقى، ئىبنى رۇشىد (تەلىم- تەربىيە) مەركىزىنىڭ ۋەكىلى، يەرۋا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى ۋە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىن بولۇپ تەخمىنەن 150 كىشى قاتناشتى.

مۇراسىم ئالدى بىلەن رىنكېبۈي ( Rinkeby) مەسچىتىنىڭ ئىمامى ۋەيسەل قىلىچنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن (سوتۇق بۇغراخان مەسچىتى) نىڭ مەسئۇلى فارۇخ سادۇق ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، مەزكۇر مەسچىتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە كۈچ چىقارغانلارنىڭ كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىنى، بۇ مەسچىتنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان خاقانىمىز (سۇلتان سوتۇق بۇغراخان) نىڭ ئىسمىنى بېرىشنى قارار قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار يېقىنقى تارىخىدا يەنى 1933- يىلى 12- نويابىر ۋە 1944- يىلى 12- نويابىر كۈنلىرى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق ئىسلام جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى ئاڭلاتتى.

ئارقىدىن مۇراسىمغا قاتناشقان ھەرقايسى تەشكىلات، مەسچىت ئىماملىرى ۋە تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇشاۋىرى قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم سۆز قىلىپ، (سوتۇق بۇغراخان مەسچىتى) نىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مېھمانلارنىڭ سۆزىدىن كېيىن ھەممەيلەن ئەسىر نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى، مۇراسىم ئۈچۈن تەييارلانغان نازۇ نېمەتلەردىن ئېغىز تەگدى، ئاخىرىدا ھەممەيلەن بىرلىكتە قول كۆتۈرۈپ ئىشغالچى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بۇلىشى ۋە سوتۇق بۇغراخان مەسچىتىنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن ئاللاھدىن تىلەپ دۇئا قىلدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى