ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 12.11.2016 08:42:31 يوللانغان تارىخ: 12.11.2016 08:42:31 0 3440

بىزنىڭ (شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن)

بۈگۈن 12 ـ نويابىر بىر كۆزىمىزدە شاتلىق، بىر كۆزىمىزدە ياش. ھەسرەتتىن چىشلەپ قاناتقان لەۋلىرىمىز

‏بىزنىڭ (شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن)
(ئاپتۇرى: مىركامىل كاشغەرى)

بۈگۈن 12 ـ نويابىر ئەجداتلىرىمىز ئۆز ھاياتىدىنمۇ مۇقەددەس بىلگەن... بۇ جانىجان ۋەتەننىڭ ئۇسسۇز تۇپراقلىرىنى مىليونلارچە شېھىتلار قېنى بىلەن سۇغۈرۈپ كەلگەن ۋە ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى غەلىبىلىك قۇرغان...بۇ شانلىق، بۇ قۇتلۇق كۈن بىزنىڭ.
بۇ ئۇلۇغ جۇمھۇرىيەت بايرامىمىز بىزنىڭ.
بۈگۈن 12 ـ نويابىر بىر كۆزىمىزدە شاتلىق، بىر كۆزىمىزدە ياش. ھەسرەتتىن چىشلەپ قاناتقان لەۋلىرىمىز بىلەن تەبرىكلەۋاتقان.... بۇ ماتەملىك، بۇ ئازابلىق، بۇ شانلىق ۋە ئىپتىخارلىق كۈن بىزنىڭ.
ئەمما مىڭ ئەپسۇس! بۇ كۈننى 60 يىلدىن بىرى ھەسرەت ئىچىدە تەبرىكلەپ...
ياق! خىجالەت بىلەن يەرگە پاتقانچە خاتىرىلەپ كەلمەكتىمىز. مۇشۇ كۈننى سىېغىنماقتىمىز. مۇشۇ كۈنگە تەلمۈرمەكتىمىز، مۇشۇ كۈنگە ئىنتىلمەكتىمىز.
چۈنكى بىز بىلىمىز، ھازىرچە قۇللۇقتا قالغان... تا خونجىراپتىن سەددىچىنگىچە سوزۇلغان... بۇ بىپايان تۇپراق... بۇ ۋەتەن... بۇ شەرقىي تۇركىستان بىزنىڭ.
ھەربىر تاغلىرىغا، ھەربىر چالما ـ تاشلىرىغا، ھەتتا ھەر بىر زەررىلىرىگە قەدەر، ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ۋە ساناپ ـ تۈگەنكۈسىز پىداكار شېھىتلىرىمىزنىڭ قان ـ قىساسى پۈتۈلگەن بۇ ئابىدە تۇپراقلار بىزنىڭ.
تۆت پەسىللىك ئېسىل ھاۋاسى... بۈك ـ باراقسان ئورمان، يايلىقى... ساناقسىز كۆل، تۈگىمەس كان بايلىقى بىلەن، گوياكى جەننەت مىسالى،
ئەمما رەزىل، تاجاۋۇزچى، مۇستەبىت خىتايلارنىڭ ھايۋانىي زۇلۇم ـ سىتەملىرى، ۋەھشىيانە ئىرقىي قىرغىنىچىلىقلىرى تۇپەيلى جەھەننەمگە ئايلانغان... بۇ قوللۇقتا قالغان... بۇ خىتايلارنىڭ شۇم ئاياقلىرىدا دەپسەندە بولغان... بىراق يەنىلا قىلچە باش ئەگمەي، داغ تەككەن غۇرۇرىنى ئۆز قانلىرى بىلەن پاكلاپ، ئازاتلىقنىڭ بوسوغىسىغا ئازلا قالغان... بۇ جانىجان... بىلەكلەرگە كۈچ... روھىمىزغا قان... بۇ ھايات بەخش ۋەتەن ئىپتىخارىمىز بىزنىڭ.
شۇنداق، بۈگۈن 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى.
شەرقىي تۇركىستاننى مۇنداقلا يۈتىۋالغىلى ياكى ئاسانلا ئۇنۇتقۇزغىلى بولمايدىغانلىقىنىڭ پولاتتەك پاكىتى، تېرىك دەلىلى.
ئىشىنىمىزكى، بۈگۈنىمىز ئۇنتۇلماي خاتىرلىنىپلا تۇرىدىكەن، كەلگۈسى 12 ـ in نويابىردىكى مەڭگۈلۈك جۇمھۇرىيىتىمىزگە چوقۇم مۇۋەپپەق بولماي قالمايمىز.
تۈركىستان ئاسمىنىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنى ھۆر پىتى كۆرمەك،
مەيلى بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەك بولسا، بىر ئەمەس، مىڭ قېتىم ئۆلمەك.
سەددىچىن سىپىلىنىڭ قوۋۇقلىرىنى مەڭگۈگە ئىچىلماس ھالغا كەلتۈرمەك.
ھاياتىمىزنى بىر ئاددى دەرەختچىلىك بولسىمۇ مۇستەقىل! ئەركىن!
ياكى ھەقىقىي ئىنساندەك ئازات داۋام ئەتتۈرمەك.
جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ ئىنسانىي قوللۇقىغا خاتىمە بەرمەك.
مانا بۇ چاقىرىق، مانا بۇ غايە، مانا بۇ ئۇلۇغ نىشان بىزنىڭ.
**********************
باشقا ھېچ نەرسىسىنى خالىمايمىز ئەسلىدە دۇنيانىڭ.
نە نېفىتىنى، نە كان بايلىقىنى، نە ياقۇتىنى، نە زۇمرىتىنى، نە تەسلىمكەش شەرمەندىلەرچە راھەت ـ پاراغىتىنى.
خالىمايمىز ئەسلىدە دۇنيانىڭ باشقا ھېچ نەرسىسىنى.
ھەتتا جان ـ جېگەر باۋاقلىرىمىزنىڭ يۇمران قوللىرى بىلەن يۈزىمىزنى سىلاشلىرىدىنمۇ ۋاز كېچەلەيمىز.
جۇدۇن قىشتا قولىمىزنى ھورداشقىمۇ مادار يەتمەسلىكنىڭ ئازابلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئوچاقلىرىمىزنىڭ ئۆچۈپ قىلىشغا پەرۋاسىز ئورنىمىزدىن چاچراپ دەس تۇرالايمىز.
نېمە ئۈچۈن؟!
پەقەتلا ھۆرلىكىمىز ئۈچۈن. يوقاتقان ئۆزلىكىمىز ۋە مىللىي كىملىكىمىز ئۈچۈن.
ئەنە قاراڭلار ئۇرۇمچى كوچىلىرىغا!
شۇنچە قان، شۇنچە ئۆلۈم، شۇنچە ئوق، شۇنچە ياۋۇز قىرغىنچىلىققا پىسەنت قىلماستىن، كوچىلارغا چىققان... ئۆز قېرىنداشلىرىغا بولغان شەپقەت كەپتەرلىرىنى قەلبىگە قوندورۇپ، تىنچ نامايىش بىلەن... بەلكى ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىش بىلەن، تۈركىستان خەلقىنىڭ ھاياتلىقىنى، زۇلۇمغا قارشى دەس تۇرالايدىغانلىقىنى، ياۋۇز خىتايلارغا ھېچ قاچان باش ئەگمىگەن ۋە مەڭگۇ ئەگمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن، ئەشۇ پىداكار قېرىنداشلار بىزنىڭ.
شۇنچە ئاھانەت، شۇنچە ھاقارەت، شۇنچە نەپرەت، شۇنچە كەمسىتىش، شۇنچە خىيانەتلەر ئارىسىدىمۇ، بىرلا ئاللاھقا بولغان مۇستەھكەم ئىشەنچتىن، ئۆز خەلقىگە ۋە ئۆز ۋەتىنىگە بولغان مۇقەددەس سۆيگۆدىن ئايرىلمىغان... ھەققانىيەتنى دەپلا جان تەقدىم قىلىپ، قانغا مىلىنىپ ياتقان....ياق! بەلكى ئۆز قانلىرى بىلەن غۇسلى قىلىپ، جەننەتكە يول ئالغان... پەيغەمبرىمىز ئۇلارنى باغرىغا بېسىۋىلىش ئۈچۈن جەننەتتە تەشنالىق بىلەن قۇچاق ئېچىپ ئولتۇرغان... ئەشۇ شېھىتلەر، ئەشۇ قەھرىمان، مۇجاھىد ئەزىمەتلەر بىزنىڭ.
ئاڭلىسام، بىر قىسىم تويماس، جانباقتى ئەبگالار: «سىڭگەن ناننى يېمىدى» دەيمىش.
ئىچكىرىدىن ۋاڭ ئاكىلىرى قورقۇپ كەلمىسە، سودا ئاقماي، گال باقالمايمىش.
ياكى ئۆزلىرى ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئىچكىرىگە بارالمايمىش.
ئاڭلاش! ھەي، لامزەللە ئەبلەخلەر!
سەنلەرگە نان بولۇپ سىڭگەن ئۇ پوق! ئۇ يۈندە! ئۇ زەققۇم! ۋىجدانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا قەتئىي سىڭمەيدۇ.
سېڭىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنداق پەسكەشلىكنى ئەتراپىغا يېقىنمۇ يولاتمايدۇ. سەنلەرگە دانالىق بىلىنگەن ئۇ تەسلىمكەش جان باقتىلىقنى، ئۆزىگە! ۋەتەنگە! مىللەتكە! ئىمانغا! ئۆلۈم ھېسابلايدۇ.
بىلەمسەن؟ ۋەتەن تۇپرىقىغا سىڭگەن شېھىتنىڭ بىر تامچە قېنىدىن مىڭلىغان مۇجاھىد ئەزىمەتلەر كۆكلەيدۇ.
ئىمان ئىسلام، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن تۆكۈلگەن قان، مىڭلىغان ئانا، مىڭلىغان ھەدە، مىليونلىغان قىز، سىڭىللىرىمىزنىڭ ئىپپىتىنى قوغدايدۇ.
ئۇنۇتما ئەبلەخلەر، بۇ تۆكۈلگەن قان ھەرگىز بېكارغا كەتمەيدۇ.
خۇددى ئوسمان ئىبنى مەزئۇن، ئەبۇ زەر غەففارى، ھەبباب ئىبنى ئېرت، بىلال ھەبىشى، تەلھەلەرگە ئوخشاش، شۇنچە كۇپپارلارنىڭ ئارىسىدا ھەقنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىش ئۈچۈن يېرىلغان باش، قۇيۇلغان كۆز، تېتىلغان تەنلىرىدىن شاتلىق ھېس قىلىشتەك بەختىيارلىق بار يەردە، ناھەقكە باش ئېگىپ ئۆلتۈرىۋېرىشنى ”نۇمۇس“ دەپ بىلگەن، ئەشۇ مەردانلار بىزنىڭ.
ھەققانىيەت يولىدا خۇددى ھەمزىگە ئوخشاش يۈرەكتىن نەيزە يەپ، ياكى سۇمەييەدەك قورسىقى يېرىلىپ، خۇددى ياسىرغا ئوخشاش ئۆلۈمگە كۆكرەك كېرىپ، شېھىتلىككە ئېرىشىشتەك سائادەت بار يەردە، كۇپپارنىڭ زۇلمىدىن قورقۇپ شەرمەندىلەرچە تەسلىمكەش ھايات كەچۈرۈشنى ئۆزىگە ”ئۆلۈم“ دەپ بىلگەن ئەشۇ ھەقىقىي مۇجاھىدلار بىزنىڭ.
ئۇلارنىڭ بۇ كېتىشى، بۇ ھىجرانى، بۇ بەرگەن قۇربانلىقى، ئۆلۈپ يوقۇلۇش ئەمەس، تېرىلىشىمىز بىزنىڭ.
بۇ كۈرەشنىڭ ئەجرى، بۇ شېھىتلىكنىڭ پەزىلىتى كەلگۈسى 12 ـ نويابىردىكى مۇستەقىللىق كاپالىتىمىز بىزنىڭ.
شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەربىرى قەھرىمان، ھەربىرى مىللەتكە ئۈلگە، ھەربىرىگە يېزىلىدۇ مېڭلارچە داستان.
ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل ئەنە شۇنداق مۇجاھىد، ئەنە شۇنداق شېھىتلىرىمىزلا بولىدىكەن، قاراپ تۇر، چوقۇم مۇستەقىل بولىدۇ شەرقىي تۇركىستان.
مانا بۇ ئىشەنچ، مانا بۇ ئىمان، مانا بۇ ئېتىقادىمىز بىزنىڭ.
چۈنكى بىز بىلىمىز. ئەگەر ئاللاھ ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالىمىغان بولسا، بۇ ئازاتلىق ئارزۇسىنى، بۇ مۇستەقىل شەرقى تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئارمانىنى ھەرگىز قانچە ئون مىليونلىغان، شۇنچە ساپ قەلبلەرگە يورلەشتۈرمىگەن بولاتتى.
چۈنكى ئايەتتە، ﴿"وَمَا تَشَاؤُونَ إِلَّا أَن يَشَاء اللَّهُ﴾ (ۋەما تەشائۇنە ئىللا ئەن يەشائاللاھ) «يەنى، ئاللاھ خالىماي تۇرۇپ، سىلەر خالىيالمايسىلەر» دەيدۇ، مۇقەددەس قۇرئانىمىز بىزنىڭ.
شۇڭا ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز! قۇرئاندىكى بۇ سۈزۈڭنىڭ ھەققى ـ ھۆرمىتى بىلەن بۇ ئارزۇ ـ ئىستەكلىرىمىزنى، مۇقەدەس غايە، ئارمانلىرىمىزنى بالدۇراق ئىشقا ئاشۇرۇپ بەرگىن.
ئى، دەرتمەنلەرنىڭ غەمغۇزارى، ئاجىزلارنىڭ باشپاناھى! سەنلا بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزسەن، قايغۇ – ھەسرەت زۇلمەتلىرىدە سەنلا بىزنىڭ نۇرلۇق قوياشىمىزسەن، زۇلۇم، تەھدىت، ۋەھىمىلەردە سەنلا بىزنىڭ سەبىر، تاقەت، قەلىب تەسكىنىمىزسەن، دۇنيادا سەندىن باشقا ھىچ قانداق يۆلەنچىكى يوق يىتىم قالغان مىللەتمىز. بۇ زۇلۇم ــ سىتەمگە تولغان قۇللۇق دەشتىدە تىڭىرقاش ئىلكىدە سەرسانمىز.
ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ ئەرشىڭنى تىترىتىۋاتقان ئاھۇ – زارلىمىزنى ئاڭلىغىن! چېكى يوق ئەلەملەردە قىتىپ كەتكەن گۇناھكار بىشىمىزنى ئەپۇ – رەھمىتىڭ بىلەن سىلىغىن! قاچانلاردىن ساڭا يىغلاپ، قۇرۇپ كەتكەن كۆزلىرىمىزنى ئەمدى بىر شاتلىق ياشلىرىدا نەملىگىن!
بىزگە نۇسرەت بەرگىن! بۇ زالىم خىتايلارغا بەرگەن مۆھلىتىڭگە ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن خاتىمە بەرگىن!
ئەمدى بىزگە پۇرسەت بەرگىن، بىزنى ئازاتلىق ساماسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغىن! ئۇمۇت چاڭقاقلىقىدا يېرىلغان لەۋلەرگە ۋىسال شارابى، تېرىك كۆمۇلگەن جاسارەت ھەم شىجائەتلەرگە ساما پەرۋازى ئاتا قىلغىن!
بىزنى يەرگە قاراتما، ئىمان ۋە غۇرۇرىمىزنى خىتايلارغا تالاتما. مۇسۇلمانلارنى مۇزەففەر، ئىسلامنى دائىم قىل يا ئاللاھ!
مانا بۇ دائىملىق تېلەك، دۇئايىمىز بىزنىڭ.
2009 – 11 - 12
ئەنقەرە

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى