تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 12.11.2016 07:33:45 يوللانغان تارىخ: 12.11.2016 07:33:45 0 3300

بۈگۈن (شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككى قېتىم قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەپ)

بۈگۈن؛ بىزنى ”بىز“گە قايتۇرغان، بىزنى ”بىز“گە بىلدۈرگەن، بىزنى دۇنياغا تونۇتقان بىر كۈن

بۈگۈن (شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككى قېتىم قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەپ)

ئاپتورى: مىر كامىل كاشغەرى
بۈگۈن؛ 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى.
بۈگۈن؛ بىزنى ”بىز“گە قايتۇرغان، بىزنى ”بىز“گە بىلدۈرگەن، بىزنى دۇنياغا تونۇتقان بىر كۈن.
بۈگۈن؛ شەرقى تۇركىستان ئىسلام جۇمھىرىيىتى ئىككى قېتىم قۇرۇلغان بىر كۈن.
بۈگۈن؛ خىتايلارنىڭ تۇركىستاننى يۈتىۋىلىش خام ـ خىيالى مەڭگۈگە بىت ـ چىت بولغان، جەڭگىۋار ئەجدادىمىزنىڭ جىھاد روھى، تىز پۈكمەس ئىرادىسى ئۆزىنى نامايەن قىلغان، ھەققانى داۋايىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى يارىتىلغان بىر كۈن.
بۈگۈن؛ يالغۇز بىزگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا نىسبەتەنمۇ ئاجايىپ مەنىدار غەلىبىلىك بىر كۈن. چۈنكى دۇنيانىڭ ئاتاقلىق ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرى ئىسلامنىڭ دۆلەت قارىشىنى ۋە سىياسى نەزرىيەسىنى تۇنۇتۇشنى ئەمدى باشلىغان ئەشۇ مەزگىللەردە، سابىت دامۇللام رەھىمەھۇللاھ باشچىلىقىدىكى ئۇلۇغ رەھبەرلىرىمىز 1933 ـ يىلى، رەھمەتلىك ئەلى خان تۆرەم باشچىلىقىدىكى مۇجاھىدلىرىمىز 1944 ـ يىلى دەل مۇشۇ 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى دۇنيا تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئەمىلى قۇرۇپ چىققان بىر كۈن.
دېمەك، بۈگۈن ئېتىقاد چۇشەنچىمىزنىڭ ۋە مىللى تارىخىمىزنىڭ مېراجى يارىتىلغان بىر كۈن.
بۈگۈن؛ دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، يەنى، شەرقى تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىككى قېتىم قۇرۇلغان بىر كۈن. بىز مۇشۇ بۈگۈنىمىزنىڭ ئىپتىخارى بىلەن ھازىرمۇ بېشىمىزنى تىك تۇتۇپ، دۇنياغا مەغرۇر قارىيالايدىغان بىر كۈن.
ئەمما تاڭنىڭ ئېتىشىنى ”كۈن چىققانلىق“ دەپلا بىلىدىغان كىشىلىرىمىزگە نىسبەتەن بۈگۈنمۇ خۇددى تۈگۈنكىدەكلا ئاددىغىنە بىر كۈن. چۈنكى بۈگۈنگە بولغان قايىللىق ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇلىرىنى شۇنداقلا قۇتلۇقلاش ۋە ھاياجانلىنىش ھېسسىياتلىرىنى بايراملىق كېيىملىرى بىلەن قوشۇپ، تەكچىگە قاتلاپ قويغان، تۈنۈگۈنكى كىر كېيىملىرى بىلەنلا ئەسنىگەن ھالدا بۈگۈنگە قەدەم قويغان ئۇنداق ھېسسىز كىشىلەر تاڭ قارىغۇسىدىنلا ئىبارەتتۇر. بۈگۈننىڭ ئىپتىخارى بۈگۈننى قەدىرلىگەن ۋە بۈگۈن بىلەن ئىپتىخارلىنىشنى ھەم ئىپتىخارلاندۇرۇشنى بىلگەنلەرگە مەنسۇپتۇر. بۈگۈننى ئۇنۇتمىغان ۋە ئۇنتۇلدۇرمىغانلارغا مەنسۇپتۇر.
بۈگۈن؛ بىزگە نىسبەتەن گويا بىر قوياش. بەئەينى كۆك بايرىقىمىزدىكى ئاي، يۇلتۇزنىڭ ئۆزى. بۈگۈن بولمىغان بولسا، تۈنلەر پۇتمەس، زۇلمەتلەر يورۇماس، ئىنقىلاپ يولىمىز ئۆزىمزگە روشەن بولماس ئىدى.
شۇنداق، بۈگۈننى چۈشەندۈرۈشكە، بۈگۈننى ئاڭلىتىشقا، بۈگۈننى سۆزلەپ بېرىشكە سۆزىمىز يەتمەيدۇ، تىلىمىز ئاجىزلىق قىلىدۇ. گەرچە بۈگۈننى كۈيلەش، بۈگۈننى يېزىش بىزگە نىسبەتەن ئەڭ قۇتلۇق، ئۇلۇغ ئىش بولسىمۇ، لۇغەتلەر ئالىمىدە بۈگۈننى يېزىشقا ھەرىپ يەتمەيدۇ. كۆزىمىزنىڭ قارىسىنى قەلەم قىلىپ، قەلبىمىزنىڭ پۈتۈن قانلىرىدا بۈگۈننى يازساقمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ مەنىسى تولۇق ئىپادە تاپمايدۇ. چۈنكى بۈگۈننىڭ ئۆزىلا بىر پايانسىز مەنە، مىليونلىغان شەھىد ئاتىلىرىمىزنىڭ قەلب قانلىرىدا پۇتكەن تەنتەنە.
ئەپسۇس، تارىخىمىزدىكى بۇ ئۇلۇغ بۈگۈنىمىزنى، بۇ ئاجايىپ ئىلاھى رەھمەتنى تىزلا قولدىن كەتكۈزۈپ قويدۇق. ھەر ئىككى قېتىمقى مۇستەقىللىق بايرىمىمىزنى ئۇزۇنغىچە تەنتەنە قىلالمىدۇق. ھەتتا پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈنمۇ ئەڭ بۈيۈك غەلىبە بولغان ئەشۇ بۈگۈننى بەرپا قىلغۇچى سابىت دامۇللام رەھىمەھۇللاھ ۋە رەھمەتلىك ئىلى خان تۆرەم قاتارلىق رەھنىمالىرىمىزنىمۇ تۈززۈككىنە بىر قەدىرلىيەلمىدۇق. ئۇلارنىڭ شۇنچە يىللاردىن بىرى كۆمۈلۈپ ياتقان ئەسەرلىرىنى، ئىلىم - ھېكمەت، نەزرىيە دۇردانىلىرىنى، دىن ۋە دۇنيا قاراشلىرىنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ، دۇنياغا تونۇتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ جايىدا تونۇپ يېتەلمىدۇق. ئەس - خاتىرلىرىمىزدە ئەشۇ بۇيۇك قۇرغۇچىلارمۇ خىرەلەشتى ۋە ئەشۇ ئۇلۇغ بۈگۈنىمىزمۇ خىرەلەشتى.
بۈگىنىمىز كىملەرگىدۇ يۆلەنچۇك، تەككىگە ئايلىنىپ قالغان بولسا، يەنە كىملەرنىڭدۇ خالىغان دۇككاندا خىراجەت قىلىدىغان يانچۇقىدىكى نەخ پارچە پۇلىغا ئايلاندى. مانا ئەمدىلىكتە يا يىغلاشنى، يا كۈلۈشنى بىلمەي، ئەشۇ بۈگۈننى خاتىرلىمەكتىمىز... ئەشۇ بۈگۈننى سېغىنماقتىمىز... ئەشۇ بۈگۈنگە تەلپۇنمەكتىكمىز... چۇڭقۇر ھەسرەت بىلەن ئەشۇ بۈگۈننى چاقىرماقتىمىز. ئەمما مىللىي تارىخىمىزنىڭ مېراجى بولغان ئۇلۇغ بۈگۈنۈمىز بولسا، بىزگە ئېچىنىپ نالە قىلماقتا، خۇددى تۇركىيە شائىرى ئېيتقاندەك:
بايراقنى بايراق قىلغان ئۈستىدىكى قاندۇر،
تۇپراق؛ ئەگەر جان بەرگۈچى بولسا ۋەتەندۇر.
دېگىنىچە ۋىجدانىمىزغا خىتاب قىلماقتا. ئەشۇ بۈگۈنۈمىزنى قايتىدىن قايتۇرۇپ ئالالىشىمىز ئۈچۈن بىزنى قان بېرىشكە، جان پىدا قىلىشقا چاقىرماقتا. بۈگىنۈمىزنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ھەم دىنىي، ھەم مىللىي بىردىن ـ بىر مەسئۇلىيىتىمىز ئۈستىدە بىرلىككە كېلىشكە، نەپرەتنىڭ قىڭغىر بارماقلىرىدا ئىلانگۇچ ئۇچماسلىققا، جۈملىدىن بىزنى يېڭىباشتىن ”بىز“ بولۇشقا چاقىرماقتا.
ئى مىھرىبان پەۋەردىگارىمىز! بىزنىمۇ ئەشۇ ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىزىغا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئۈچىنچى قېتىملىق 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىنى يارىتالايدىغان، ئۇنى مەڭگۈلۈك مۇستەقىللىق بايرىمى سۈپىتىدە كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا مىراس قالدۇرالايدىغان ۋاپادار ئەۋلاتلاردىن قىلغايسەن
(ئامىن!).
2007-11-09

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى