ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 11.11.2016 14:12:44 يوللانغان تارىخ: 11.11.2016 14:12:44 0 1882

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 10- نويابىر كۈنى كەچ جىددى ھەيئەت يىغىنى چاقىردى

بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئىسلامىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش

‏ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 10- نويابىر كۈنى كەچ جىددى ھەيئەت يىغىنى چاقىردى
شىۋېتسىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 2016- يىلى 10-نويابىر پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئۇيۇشما مەركىزىدە جىددى ھەيئەت يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى تارىخىدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرلەش، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئىسلامىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى شەرت شارائىت يار بەرگەن دەرىجىدە ياخشى قامداش، ئاتا ئانىلاردىن كەلگەن ھەرخىل قىممەتلىك تەلەپ پىكىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىش، يىڭى ئېچىلغان (سۇتۇقبۇغراخان مەسچىتى) نىڭ پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەپسىلى مۇزاكىرە قىلدى.
مەزكۇر يىغىن 10- نويابىر كەچ سائەت 19:00 دە باشلىنىپ 21:00 ئاخىرىلاشتى، بۇ قېتىمقى ھەيئەتلەر يىغىنغا ئۇيۇشمىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار رىياسەتچىلىك قىلدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى