ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 10.10.2016 13:15:39 يوللانغان تارىخ: 10.10.2016 13:15:39 0 1962

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر مەسچىت ھەيئەتلىرى يىغىن ئاچتى

مەسچىتنىڭ ئىسىمىنىڭ (سۇلتانىمىز سۇتۇق بۇغراخان) غا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

‏شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر مەسچىت ھەيئەتلىرى يىغىن ئاچتى

شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار تارىخىدا تۇنجى قېتىم بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىرى 09- ئۆكتەبىر يىغىن چاقىرىپ، مەسچىتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەيئەتلەر يىغىنى ئۆتكۈزدى.
يىغىن شىۋېتسىيىدىكى يۇرت ئاقساقاللىرىدىن فەرۇق سادۇق ئاكىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 2016- يىلى 09- ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 14:00 دە باشلانغان يىغىن، مەزكۇر مەسچىتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان دىنىي ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشى، ئەل- جامائەتنىڭ مەسچىت ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ تېخىمۇ چوڭ دائىرلىك بىرلىك سەپ بەرپا قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىندى.
مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ھەيئەتلەر، ئالدىمىزدىكى ئاينىڭ 12-نويابىر كۈنى، مەسچىتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئىسىمىنى (ماددىۋى ئابىدە) گە سۇلتانىمىز سۇتۇق بۇغراخان ھەزرەتلىرىنىڭ نامى بىرىلگەنلىكىنى، مۇراسىمدا مەسچىتنىڭ ئىسىمىنىڭ (سۇلتانىمىز سۇتۇق بۇغراخان) غا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قارار ئېلىندى.
مەسچىت ھەيئەتلىرى، شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدا قۇرۇلغان بۇ تۇنجى مەسچىتنىڭ ئېچىلىش مەرىكىسىنى داغدۇغۇلۇق بىلەن ئۆتكۈزۈشنى، شۇنداقلا مەسچىتنى ئىقتىسادى ئارقىلىق قوللىغان يىراق يېقىندىكى بارلىق ۋەتەنداشلارنى مەسچىت مەرىكىسىگە تەكلىپ قىلىپ تەشەككۈر ئېيتىشنى قارار قىلدى.
يىغىن ئاخىردا، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسۇلى يىغىن ئەھلىگە سۆز قىلىپ، ئەلجامائەتنى مەسچىت لاھىيىسىنى تېخىمۇ قوللاشقا ۋە مەسچىتنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىت ئۈچۈن (ئاپتۇماتىك بەدەل تۆلەش) جەدىۋېلىنى تولدۇرۇشىنىشنىڭ زۈزۈرلىكى ھەققىدە توختالدى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى