تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 28.09.2016 10:42:01 يوللانغان تارىخ: 28.09.2016 10:42:01 0 1121

شىۋېتسىىىدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيە دىنىي ئىشلار مۇشاۋىرىنى زىيارەت قىلدى

ئۇچرىشىشتا، ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن دوكتۇر مەھمەت كاراجا، بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

‏شىۋېتسىىىدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيە دىنىي ئىشلار مۇشاۋىرىنى زىيارەت قىلدى
شىۋېتسىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت تۇرسۇن ۋە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى (ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى) ئۆمەر مەخسۇم قاتارلىقلار تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى دىيانەت ۋەخپىنىڭ شىۋېتسىيىگە تەيىنلەنگەن يېڭى مەسئۇلى تۈركىيىنىڭ شىۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىنى مۇشاۋىرى دوكتۇر مەھمەت كاراجانى زىيارەت قىلدى.
دوكتۇر مەھمەت كاراجا، ئەخمەت تۇرسۇن بىلەن ئۆمەر مەخسۇملارنى ستوكھولمنىڭ ھۈددىڭگې رايۇنىدىكى دىيانەت ۋەخپىنىڭ ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
مەزكۇر ئۇچرىشىش بۈگۈن 28- سىنتەبىر چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دىن 15:00 گىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ بىر سائەتلىك ئۇچرىشىش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتتى.
ئۇچرىشىشتا، ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن دوكتۇر مەھمەت كاراجا، بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.
ئاخىرىدا، ئەخمەت تۇرسۇن دوكتۇر مەھمەت كاراجاغا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى بىلەن ئۇيۇشمىنىڭ لوگوسى چۈشۈرۈلۈپ لاھىيىلەنگەن شارپا بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ئىزنەكنى ھەدىيە قىلدى.
دوكتۇر مەھمەت كاراجا، شىۋېتسىيىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى