ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 15.09.2016 10:55:05 يوللانغان تارىخ: 15.09.2016 10:55:05 0 2169

ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم ئۆز مەسچىتىدە قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى

بىز مۇشۇ مەسچىتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن كۆپلىگە پىداكارلىقلارنى كۆرسەتتۇق، كېچىنى كېچە دېمەي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ مەسچىتنى بارلىققا كەلتۈردۇق

ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم ئۆز مەسچىتىدە قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار 12- سېنتەبىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 07:00 دە، ئۆزىگە تەۋە بولغان مەسچىتتە قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى.

تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلغاندىن بېرى، شىۋېتسىيىدە تارقاق ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ھەر يىلى كېلىدىغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇپ كەلمەكتە.

ئىگىلىنىشچە: تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلغان 7 يىلدىن بېرى، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مەسچىتلىرى بولغىنىدەك، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ شىۋېتسىيە تۇپرىقىدا ئۇيغۇرغا خاس مىللىي تۈسىنى ئالغان، ئۇيغۇر ئانا تىلىدا خۇتبە ئوقۇش، ئۇيغۇرچە ۋەز ئېيتىش، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر مەسچىتنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. بولۇپمۇ ئاخىرقى ئىككى يىل مابەينىدە مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن شىۋېتسىيىدە بىر ئۇيغۇر مەسچىتىنى بەرپا قىلىشقا يول ئالغان بولۇپ، نەتىجىدە 2016- يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ ستوكھولمنىڭ رىسنې رايونىدا 176 كۋادرات مىتېر چوڭلۇقتا بىر ئورۇننى ئىجارىگە ئېلىپ رەسمىي ھالدا ئۇيغۇر مەسچىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

12- سېنتەبىر كۈنى دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بىردەك قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇشى بىلەن، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ شۇ كۈنى ئەتىگەن ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان مەسچىتتە، قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى.

قۇربان ھېيت نامىزىدىن كېيىن ناماز خۇتبىسى ئۈچۈن مۇنبەرگە چىققان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۆمەر مەخسۇم، نامازغا كەلگەن مۇسۇلمانلارغا پىداكارلىق توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز مۇشۇ مەسچىتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن كۆپلىگە پىداكارلىقلارنى كۆرسەتتۇق، كېچىنى كېچە دېمەي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ مەسچىتنى بارلىققا كەلتۈردۇق. مانا بۇ بىزنىڭ قىلغان پىداكارلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى، دېگەن مەخسۇم، ئىسلام تارىخىغا قارايدىغان بولساق ئاللاھ تەئالا ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىش توغرىسىدا ۋەھىي كەلگەندىن كېيىن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئوغلىنى ئاللاھ يولىدا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىپ تەييار بولغاندا، ئاللاھ ئاسماندىن قوچقارنى چۈشۈرۈپ بەرگەنلىكىنى مىسال قىلىپ ئۆتتى.

ناماز خۇتبىسىدىن كېيىن جامائەتلەر ئۆز- ئارا بىر- بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەشتى، كېيىن جامائەتلەر توپلىشىپ ئالدى بىلەن ياشتا چوڭلار ئارقىدىن ئاغرىپ قالغانلارنى يوقلاش بىلەن ئۆي- ئۆيگە بېرىپ ھېيت پەتىسى قىلدى. ناماز خۇتبىسىدىن كېيىن باشلانغان ھېيت پەتىسى، كېچە سائەت 23:00 گىچە داۋاملاشتى.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى