ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 12.08.2016 12:20:37 يوللانغان تارىخ: 12.08.2016 12:20:37 0 1875

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسچىتىدە جۈمە نامىزى ئوقۇدى

مەزكۇر ئۇيغۇر مەسچىتى، يالغۇز ئەرلەرنىلا كۆز تۇتماستىن بەلكى ئاياللار ۋە بالىلارغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاياللار ئۈچۈنمۇ مەخسۇس ئايرىم بىر ئۆي ھازىرلانغان ئىكەن

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسچىتىدە جۈمە نامىزى ئوقۇدى

ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ شىۋېتسىيىگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىۋېتسىيە تۇپراقلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدا خۇتبە ئاڭلاش، پەرزەنتلىرىنىڭ دىنى ساۋاتىنى چىقىرىش، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتەك ئېھتىياجى تۈپەيلى، شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىشى نەتىجىسىدە، شىۋېتسىيەدە تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇر مەسچىتى» روياپقا چىقىپ، بۈگۈن 12- ئاۋغۇست كۈنى، شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم جۈمە نامىزىنى ئۆزىنىڭ مەسچىتىدە ئوقۇدى.

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، شىۋېتسىيىگە 90- يىللاردىن باشلاپ كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار، ھەرخىل تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە تەلىم – تەربىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەردىكى ئاكتىپ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان ھەر قايسى مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قەلبىدە تەخت قۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى، رايوندا تۇرۇشلۇق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتكە بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مىللىي ۋە ئۆر- ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، 2014- يىلى شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر مەسچىت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى.

تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن، قىسقىغىنا 2 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار ۋە رايوندا ياشايدىغان ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەر ھەپتىلىك جۈمە نامىزى ۋە كۈندىلىك نامازلارنى توپلىشىپ بىر يەردە ئوقۇيالىشى ئۈچۈن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدا تۇنجى «ئۇيغۇر مەسچىتى» پۈتۈپ چىققان بولدى.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بۇ ئىككى يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، 176 كۋادرات مىتېر چوڭلۇقتا، 300 كىشى بىرلا قېتىمدا ناماز ئوقۇغۇدەك ئورۇننى رەسمىي ئىجارىلەپ شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتكە بولغان ئېھتىياجىنى تۇلۇقلىدى.

مەزكۇر ئۇيغۇر مەسچىتى، يالغۇز ئەرلەرنىلا كۆز تۇتماستىن بەلكى ئاياللار ۋە بالىلارغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاياللار ئۈچۈنمۇ مەخسۇس ئايرىم بىر ئۆي ھازىرلانغان ئىكەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى