ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 07.08.2016 14:11:53 يوللانغان تارىخ: 07.08.2016 14:11:53 0 2160

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بۇلۇپ جۈمە نامىزى ئوقۇماقچى

مەزكۇر مەسچىتنىڭ بىر قىسىم رېمونتچىلىق ۋە گىلەم سېلىش قاتارلىق ئىشلار پۈتۈن جامائەتنىڭ ناماز ئوقۇغىدەك ھالەتكە كېلىشى بىلەن 12- ئاۋغۇست ( 12- 08- 2016 ) كۈنى تۇنجى جۈمە نامىزى ئوقۇلماقچى

شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بۇلۇپ جۈمە نامىزى ئوقۇماقچى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋەتەنداشلار!

شىۋېتسىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى»، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش، ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بىرقانچە يىلدىن بېرى باشقىلارنىڭ مەسچىتلىرىنى ئىجارىگە سېتىۋېلىش ئارقىلىق شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىر ئورۇنغا جەم قىلىپ ئىككى ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇپ كەلگەن ئىدى.

تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ بېرىشى بىلەن، ئەمدىلىكتە پەقەتلا ئىككى ھېيتلا ئەمەس ھەر ھەپتىلىك جۈمە نامىزى ۋە كۈندىلىك نامازلارنى بىر يەردە ئوقۇش ئۈچۈن بىر ئورۇننى مۇستەقىل ئىجارىلەپ، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدا تۇنجى «ئۇيغۇر مەسچىتى» ھەل قىلىندى.

مەزكۇر مەسچىتنىڭ بىر قىسىم رېمونتچىلىق ۋە گىلەم سېلىش قاتارلىق ئىشلار پۈتۈن جامائەتنىڭ ناماز ئوقۇغىدەك ھالەتكە كېلىشى بىلەن 12- ئاۋغۇست ( 12- 08- 2016 ) كۈنى تۇنجى جۈمە نامىزى ئوقۇلماقچى.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز مەسچىتىدە ئوقۇلماقچى بولغان تۇنجى جۈمە نامىزىغا، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلار تەكلىپ قىلىنىدۇ.

ئورنى: رىسسنې مەركىزىدە.

Kavallerivägen 24, 4Tr

Rissne Centrum

ۋاقتى: 2016- يىلى 12- ئاۋغۇست جۈمە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دە ئېچىلىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بۇ 0722722420 غا تېلېفۇن قىلىڭ.

ھۆرمەت بىلەن: تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى