ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

ئىسلام دۇنياسى

يېڭىلانغان تارىخ: 04.07.2016 12:59:38 يوللانغان تارىخ: 04.07.2016 12:49:52 0 10764

«شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى» پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلەيدۇ

ئەرەب ئىمارات، قاتار، كۇۋەيت، بەھرەيىن، ئىئوردانىيە، سۈرىيە، لىۋان، تۈركىيە، ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پەتىۋا كومىتېتى، سەيشەنبە كۈنى روزا ھېيت ئوقۇلىدۇ دەپ ئېلان قىلدى

«شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى» پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلەيدۇ

ئونبىر ئاينىڭ سۇلتانى بولغان ئۇلۇغ رامزان ئېيى بىلەن ۋىدالىشىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ رامزان ئېيىنى تاماملاپ مۇبارەك ھېيتنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە.

بۈگۈن (دۈشەنبە) كەچ سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېڭى ئاي كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەتە يەنى سەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، چارشەنبە كۈنى روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغانلىقى بىلىنمەكتە.

ئۇنىڭدىن باشقا: ئەرەب ئىمارات، قاتار، كۇۋەيت، بەھرەيىن، ئىئوردانىيە، سۈرىيە، لىۋان، تۈركىيە، ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پەتىۋا كومىتېتى، سەيشەنبە كۈنى روزا ھېيت ئوقۇلىدۇ دەپ ئېلان قىلدى.

گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سەيشەنبە كۈنى ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىسىر، ئوممان، سەئۇدى، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، مالايسىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر چارشەنبە ئوقۇيدىغان بولدى.
خەۋەر مەنبەسى: رىياد تورى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىۋېتسىيەدىكى شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى (رابىت ئەل ئىسلام) نىڭ چىقارغان قارارىغا قارىغاندا، 2016- يىلى 05- ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى» پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى، جۈملىدىن «شەرقىي تۈركىستان» لىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيىتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ.

ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى