ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 04.07.2016 09:34:38 يوللانغان تارىخ: 04.07.2016 09:34:38 0 11748

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى نىڭ 7- يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىش پائالىيتىگە چاقىرىق

تاجاۋۇزچى خىتايلار ھۇدۇقۇپ قورققىنىدىن ئالدىغا ئۇچۇرغان شەرقى تۈركىستانلىقنى نەخ مەيداندا ئوققا تۇتۇپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈشتەك جىنايەتلەرنى تەپ تارتماي سادىر قىلىپ كوممۇنىست ئالۋاستىلارغا خاس ۋەھشىيانە قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ تاشلىدى

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى نىڭ 7- يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىش پائالىيتىگە چاقىرىق

خىتاي كوممۇنىست تاجاۋۇزچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ ماھىيىتىنى رۇشەن ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار قارشىلىق بىلدۈرۈش ۋەقەلىرى خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرىنى ساراسىمگە سېلىپ جۇدۇن قىلىۋەتتى. ئۇلار ھۇدۇقۇپ قورققىنىدىن ئالدىغا ئۇچۇرغان شەرقى تۈركىستانلىقنى نەخ مەيداندا ئوققا تۇتۇپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈشتەك جىنايەتلەرنى تەپ تارتماي سادىر قىلىپ كوممۇنىست ئالۋاستىلارغا خاس ۋەھشىيانە قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ تاشلىدى.

خەلقىمىز 2009- يىلى 5-ئىيۇل كۈنى قانخور خىتاي ئارمىسى تەرپىدىن ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر قەتلىئامنى زىنھار ئۇنۇتماي بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئىزچىل خاتىرلەپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

5- ئىيۇل كۈنىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيۇشمىمىز شىۋېتسىيە ساقچى دائىرلىرىدىن نامايىش قىلىش رۇخسىتى ئېلىپ بىر قاتار تەييارلىق خىزمەتلەرنى باشلىۋەتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە، بۇ نامايىشىنى قوللىشىنى ۋە ئىككى سائەت ۋاقتىنى چىقىرىپ نامايىش سېپىدە بىز بىلەن بىرگە بولۇشىنى ۋە ۋاقتىدا كېلىشىنى سورايمىز!

نامايىش ۋاقتى: 2016- يىلى 6- ئىيۇل چارشەنبە كۈنى سائەت 14:00:دە، شىۋېتسىيە پارلامېنتى ئالدىدا باشلىنىدۇ.

ئورنى: شىۋېتسىيە پارلامېنت ئالدىغا يىغىلىپ, ئۇ يەردىن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغىچە شوئار توۋلاپ مېڭىپ بارىمىز.

مەنبەسى: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى