ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 29.06.2016 03:33:28 يوللانغان تارىخ: 29.06.2016 03:33:28 0 938

ئىستانبۇلدىكى پارتلاشتا بىر ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلغان

ئاتاتۈرك ئايرىدۇرۇمىدا ئايرىم- ئايرىم 3 ئورۇندا يۈز بەرگەن مەزكۇر تېررورلۇق ۋەقەسىدە شەرقىي بىر ئۇيغۇر ياش ھاياتىدىن ئايىرىلغان

ئىستانبۇلدىكى پارتلاشتا بىر ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلغان

تۈنۈگۈن 28- ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 21:22 لەر ئەتراپىدا، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان ئاتاتۈرك خەلقئارا ئايرىدۇرۇمىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جەمئى 36 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 147 كىشى يارىلانغان.

ئانادولو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە كۆرە: ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرىدۇرۇمىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 41 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە: ئىستانبۇل ۋالىيلىقى ئاتاتۈرك ئايرىدۇرۇمىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 41 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 130 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە: ئاتاتۈرك ئايرىدۇرۇمىدا ئايرىم- ئايرىم 3 ئورۇندا يۈز بەرگەن مەزكۇر تېررورلۇق ۋەقەسىدە شەرقىي بىر ئۇيغۇر ياش ھاياتىدىن ئايىرىلغان.

ئىستىقلال تورىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرىدۇرۇمىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىسمى ئابدۇلھەكىم بۇغدا بولۇپ، ئۇ پارتىلاش يۈز بەرگەن ئايرىدۇرۇمىدىكى بىر تېز يەتكۈزۈش شىركىتىدە خىزمەت قىلىدىكەن.

تۈركىيىنىڭ قانۇنلىرىغا ئاساسەن 20 - 25 ياش ئارىسىدىكى كىشىلەر ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىغان بولۇپ، ئابدۇلھەكىم بۇغدا بۇندىن تۆت ئاي ئىلگىرى ئەسكەرلىكنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئىكەن.

ئۇ ئەسكەرلىككە بېرىشتىن بۇرۇن «چەلەبى» ئىسىملىك بىر تېز يەتكۈزۈش شىركىتىدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاتاتۈرك ئايرودرومىدىكى يۈك سېلىش ئورنىدا ئىشلىگەن. ئەسكەرلىكتىن قايتقاندىن كېيىنمۇ شۇ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىكەن.

ئابدۇلھەكىم بۇغدا تۈنۈگۈنكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇنىڭ جەسىتى ھازىر ئەدلىيىلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىكەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى