ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 04.05.2016 12:43:16 يوللانغان تارىخ: 04.05.2016 12:43:16 0 16004

خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تور دۇككىنى بەيدۇنىڭ بازار قىممىتى 1 كېچىدە 34 مىليارد يۈەن چۈشۈپ كەتتى

بەيدۇنىڭ بازار قىممىتى بىر كېچىدە تەخمىنەن 34 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن

‏خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تور دۇككىنى بەيدۇنىڭ بازار قىممىتى 1 كېچىدە 34 مىليارد يۈەن چۈشۈپ كەتتى

يېقىنقى بىرقانچە ئايلاردىن بېرى خىتاينىڭ پاي بازىرىدا چوڭ چۈشۈشلەر يۈز بەرمەكتە. خىتاينىڭ پاي بازىرىنىڭ چۈشۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا.
خىتاينىڭ ئاكسىيە بازىرىنىڭ چۈشۈشى بىلەن خىتاينىڭ تور تىجارەت كارخانىسىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن. بۇلاردىن خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تور دۇكانلىرىدىن بېرى بولغان (بەيدۇ) شىركىتىنىڭ پاي بازىرى چۈشۈپ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ بىر ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ خىتاي پۇلىدا 34 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯜﻩﻥ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪتكەن.
خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە: بەيدۇ شىركىتىنىڭ پاي چېكى باھاسى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەتىگەنلىك پاي بازىرىدا خېلىلا چۈشۈپ كېتىپ بازار يېپىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بەيدۇنىڭ پاي باھاسى ئالدىنقى كۈنىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 15.93 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ، 178.91 ئامېرىكا دوللىرىدا توختىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە: بەيدۇنىڭ بازار قىممىتى بىر كېچىدە تەخمىنەن 34 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە: بەيدونىڭ ئاساسلىق كىرىمى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك ئېلانلاردىن كېلىدىغان بولۇپ، بەيدۇنىڭ 2014-يىلىدىكى ئومۇمىي تىجارەت كىرىمىدە داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك ئېلاندىن تەخمىنەن %15~%25 نى ئىگەللىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە %35~%50 تى خۇسۇسىي دوختۇرخانىلاردىن كەلگەن.
دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك بەيدۇغا تۆلەيدىغان ئېلان ھەققى قىممەت بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ سەۋەبتىن خۇسۇسىي دوختۇرخانىلار دورا باھاسى، تەكشۈرۈش ھەققى ۋە داۋالاش چىقىمى قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتتىكى چىقىملارنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ۋە بۇ ئارقىلىق تەننەرخنى ساقلاپ قالغان.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى