دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 08.04.2016 11:43:13 يوللانغان تارىخ: 08.04.2016 11:43:13 0 9195

ئەزەربەيجانلىقلارنى يالغۇز قويماڭ

تۈرك، تۈركمەن ۋە ئەزەربەيجانلىقلار بىزگە ھەمدەمدە بۇلۇپ زالىم خىتاينىڭ ئالدىدا بىزنى يالغۇز قويمىدى. "قول قولنى تونۇيدۇ دېگەندەك" بۈگۈن ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ بېشىغا مۇسىبەت كەلدى

‏ئەزەربەيجانلىقلارنى يالغۇز قويماڭ

ئەرمەنىيە مۇستەملىكىچىلىرى 1992- يىلى 26- فېۋرال كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ غوجالى ۋە قاراباغ شەھەرلىرىدە زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ ئەر- ئايال، چوڭ- كىچىك بۇلۇپ بىر كۈندە 600 دىن كۆپ ئەزەرىيلەرنى قىرغىن قىلىش بىلەن بىرگە، ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمەنىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا زېمىن مەسىلىسى سەۋەبىلىك دۈشمەنلىشىپ كەلمەكتە. شۇنىڭدىن كېيىن ئەزەربەيجان ھوكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ناگىرنو قاراباغنى ئەزەربايجاننىڭ قوينىغا تىچلىق بىلەن قايتۇرۇپ كېلىش كۈرىشى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى كۈنلەردىن بىرى ئەرمەنىستان ئارمىيىسى ھەددىدىن ئېشىپ، رۇسىيىنى ئۆزىگە ئارقا تىرەك قىلىپ رايۇندا كېڭەيمىچىلىك قىلىش مەقسىتىدە ئۇرۇش پارتلاتتى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيەدىكى بارلىق ئەزەربەيجان خەلقى، تۈركلەر بىرلىكتە ئەرمىنىيىنىڭ ئەزەربەيجان خەلقىگە زوراۋانلىق قىلىپ ئۇرۇش ئاچقانلىقىغا قارشى، 9-ئاپرىل شەنبە كۈنى نامايىش ئورۇنلاشتۇردى.
ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، 2009- يىلى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ كۆكيارنىڭ بىلدۈرۈشىچە: تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 5- ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنلىرىدە، خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردا شىۋېتسىيەدىكى تۈرك، تۈركمەن ۋە ئەزەربەيجانلىقلار بىزگە ھەمدەمدە بۇلۇپ زالىم خىتاينىڭ ئالدىدا بىزنى يالغۇز قويمىدى. "قول قولنى تونۇيدۇ دېگەندەك" بۈگۈن ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ بېشىغا مۇسىبەت كەلدى، بىز شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر تۈركلىرى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز، ئۇلارنى زالىمنىڭ ئالدىدا يالغۇز قويماسلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىمىز كېرەك، دېدى.
ئۇ يەنە: شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى، ئەتە يەنە 9- ئاپرىل شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇشبۇ نامايىشىنى ئەمىلى قوللىشىنى ۋە ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ نامايىشقا بىز بىلەن بىللە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۈتۈرۈپ قاتنىشىشىنى چاقىردى.
ۋاقتى:2016-يىلى09-ئاپرىل سائەت 13:00-15:00
ئورنى: سېرگىل توريى مەيدانى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى