تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 16.03.2016 10:59:30 يوللانغان تارىخ: 16.03.2016 10:59:30 0 3030

ئۈرۈمچىدە بوراندىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتتى

پولات تۆمۈر زاۋۇتى (باگاڭ) غىچە بولغان جايلاردا 6 بالدىن 7 بالغىچە شەرقىي جەنۇب شامىلى، 9 بالدىن 10 بالغىچە ئۆتكۈنچى

‏ئۈرۈمچىدە بوراندىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتتى

يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يەر تەۋرەش، بوران ئاپىتى قاتارلىق بىر قاتار ئاپەتلەر ئاقا- ئارقىدىن كېلىشى، ئۇيغۇر خەلقىنى ئەنسىزلىككە سالماقتا.
لەگلەك تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:40 لەر ئەتراپىدا بوراندىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە: بۇ قېتىمقى بوران بۈگۈن يېرىم كېچىگىچە ئۇلامبايدىن خۇڭيەنچىغىچە، قىبلىتاغدىن 1-ئاۋغۇست پولات تۆمۈر زاۋۇتى (باگاڭ) غىچە بولغان جايلاردا 6 بالدىن 7 بالغىچە شەرقىي جەنۇب شامىلى، 9 بالدىن 10 بالغىچە ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە: ئۈرۈمچى شەھەر رايونى ۋە سايئوپىدىن يوڭفېڭ يېزىسىغىچە بولغان جايلاردا 5 بالدىن 6 بالغىچە شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدىغانلىقىنى، بوراندىن، ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈشكە ۋە ئېگىزدىن بىر نەرسە چۈشۈشكە دىققەت قىلىشنى ئۇقتۇرغان.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى