تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 09.03.2016 02:30:08 يوللانغان تارىخ: 09.03.2016 02:30:08 0 3745

پەيزىۋاتقا 600 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنغان

پەيزىۋات ناھىيىلىك پارتىكوم، ناھيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ناھىيە مالىيەسىدىن 120 مىلىيون يۈەن مەبلەغ ئاجىرىتىپ1، -تۈركۈمدە خىتاينىڭ سەنشى ئۆلكىسى

‏پەيزىۋاتقا 600 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنغان

‏خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى بۇزۇش، يوق قىلىش مەقسىتىدە ئاتالمىش (قوش تىللىق) سىياسەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق ئالىي مەكتەپتىن يەسلىگىچە خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي مائارىپقا كىرگۈزۈپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىماقتا. چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش ياخشى، ئەمما ئانا تىلنى بىلمەسلىك نومۇس.
‏خىتاي ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە: خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ﺋﻭﺗﺘﯘﺭﺍ-ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ ﺋﯘﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮىنىڭ يېتىشماسلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۆتكەن يىل 12-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 7-ﻣﺎﺭﯨﺘﻘﯩﭽﻪ بولغان ئارلىقتا، ﭘﻪﻳﺰﯨﯟﺍﺕ ﻧﺎﮪﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻜﻮﻡ، ناھيىلىك ﺧﻪﻟﻖ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻦ 120 ﻣﯩﻠﯩﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺋﺎﺟﯩﺮﯨﺘﯩﭗ1، -ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﺪﻩ خىتاينىڭ ﺳﻪﻧﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﺩىن 600 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺳﯩﺘﻮﺩﯨﻨﯩﺘﻨﻰ پەيزىۋات ﻧﺎھىيىسىدىكى ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ-ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ ﺋﯘﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ تەكلىپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە: تەكلىپ قىلىنغان ئاتالمىش قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلار، 7-ﻣﺎﺭﯨﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﻪﻳﺰﯨﯟﺍﺕ ﻧﺎﮪﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﭗ بولغان بولۇپ، ﺑﯘ ﺋﯘﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ 15 ﻛﯜﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭘﻪﻳﺰﯨﯟﺍﺕ ﻧﺎﮪﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ-ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
‏خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ داۋا قىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپى، پەقەتلا خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇر تىلىنى چەتكە قېقىش، ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان. قوش تىلنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلەرگە ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان خىتاي ئوقۇتقىچىلارنى تەكلىپ قىلىپ قوش تىل ئۆگىتىدۇ دېيىش، بېشىدا دوپپىسى يوق بىر ئادەم باشقىلارغا دوپپا بەرگەندەكلا بىر ئىش.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى