ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 21.02.2016 13:20:25 يوللانغان تارىخ: 21.02.2016 07:49:05 0 1976

سىياسىي ئىدىيە قارىشىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، نادانلىققا خاتىمە بېرەيلى

بىز شەرقى تۈركىستانلىقلار كاززاپ خىتاي مەتبۇئاتى 60 نەچچە يىلدىن بىرى ئۈزلۈكسىز تەتۈر تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق بەرپا

‏سىياسىي ئىدىيە قارىشىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، نادانلىققا خاتىمە بېرەيلى

ئابدۇللا كۆكيار

2009-يىلى 05-ئىيۇل كۈنى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىپ، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ ماھىيىتى قايتا ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، ئومۇمى شەرقى تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا بىر قېتىم ئۆزىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىش ھەرىكىتى قوزغالغان ئىدى. ‹‹دۈشمەندىن ئىنساپ كۈتمەسلىك ›› دەپ ئاتالغان بۇ قوزغىلىش ھەرىكىتىگە ھەر ساھە زىيالىيلىرى، يازغۇچىلار پائال قاتنىشىپ، مىللىي مەدەنىيىتىمىز، تەپەككۇرىمىز، ئانا تىلىمىز ۋە پاك ئىتىقادىمىز دۈچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنى تەڭ تىلغا ئېلىپ، ئىنتايىن ئۆتكۈر تەنقىدىي پىكىر بىلەن يانداشقان مۇلاھىزىلەر، تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسى جەھەتتىكى مۇنقەرىزلىكنى، مەھكۇم شەرقى تۈركىستانلىقلار بىلەن ھاكىم خىتاي مىللىتى ئارىسىدىكى باراۋەرسىزلىك ۋە ھەر تۈرلۈك مىللى توقۇنۇشلارنىڭ نېگىزلىك ئامىللىرىنى خەلقئاراغا پاش قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىدى ۋە زور تەسىر قوزغىدى.
5-ئىيۇل ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدى كەينىدە يېزىلغان بەزى نادىر ئوبزور ۋە ماقالىلاردا ھېسسىياتقا بېرىلىش بىلەن ئەقىلگە تايىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپ، خاراكتېرى پىشقان، پەلسەپىۋى تەپپەككۇرغا تايىنىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان، ئۆز ھەرىكىتى ۋە پوزىتسىيىسىگە ئۆزى مەسئۇل بولالايدىغان، دوست ۋە دۈشمەننى پەرقلەندۈرەلەيدىغان، ياراتقان ئىگىسىگە شۈكرى ئېيتىشنى بىلىدىغان، ساپالىق شەرقى تۈركىستانلىقلاردىن بولۇشنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە تەكىتلەندى. مەزكۇر قىرغىنچىلىق مەزگىلىدە خىتاي كوممۇنىست ئۇنسۇرلىرىنىڭ تاجاۋۇزچى ئەسكەرلەرنى پۇخراچە كىيىندۈرۈپ، بىگۇناھ شەرقى تۈركىستانلىقلارغا زوراۋانلارچە ھۇجۇم قىلدۇرۇپ تەھدىت سېلىش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنى خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىگە بېقىنمىسا ھايات قېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىشىدەك رەزىل قىلمىشلىرى قىلچە پەردازلانماستىن قامچىلاندى. لېكىن خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرى ھەر دائىم مەدھىيە سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا خۇشتار بولغاچقىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرى كۈپ كۈندۈزدە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىگەن دۆلەت دەرىجىلىك جىنايەتلەرنى ۋە شەرقى تۈركىستاندا تەلۋىلەرچە يۈرگۈزگەن بەزى بىمەنە سىياسەتلەرنى ۋەتەن ئىچىدىكى ئىستېداتلىق زىيالىلىرىمىز مەردانىلارچە مەيدانغا چىقىپ، جۇڭگونىڭ ئاساسى قانۇن پرىنسىپلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، نامەرت خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرى ئۇلاردىن رەنجىپ ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئۇلارنى تۈرمىگە تاشلىدى. بۇ خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقى يوقلىغىنى دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۈۋەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكىدەك دۇنيا قۇتۇپلىشىشقا قاراپ ماڭغان، سىياسى رىقابەت كەسكىنلەشكەن، ئادەملەر بىلىم ۋە تېخنىكا كۈچىگە تايىنىپ ،ئاسماندا قۇشتەك ئۇچۇپ ،سۇدا بېلىقتەك بىمالال ئۈزۈپ ،ئىنتايىن تەرەققى قىلغان بولسىمۇ،ئەپسۇس ئۇلار ئەسلىدە ھەممىسى بىر ئاتا، بىر ئانىدىن تۈرەلگەنلىكلىرىنى تامامەن ئۇنتۇپ، يەر يۈزىدە ئادەمدەك ياشاشنى تېخىچە ئۆگىنىپ بۇلالمىغان بىر شارائىتتا ئۆز-ئۆزىمىزگە تەلەپ قويۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بارلىق كۈچىمىزنى خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇشقا مەركەزلەشتۈرىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.

ھازىر بىز شەرقى تۈركىستانلىقلار كاززاپ خىتاي مەتبۇئاتى 60 نەچچە يىلدىن بىرى ئۈزلۈكسىز تەتۈر تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق بەرپا قىلغان ساختا ئاممىۋى پىكىر، شەخسىي كۆز قاراش ۋە تەشەببۇسلار ئىنتايىن كۆپ خىللاشقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. مەھكۇملۇق ھاياتىدا يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ياشاپ كىملىكىمىزنى ئۇنۇتۇش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن سىياسى بىلىمسىزلىك، قارا قورساقلىق، نادانلىق سەۋەبىدىن ئاڭلىغاننى شاتۇتىدەك سۆزلەش،دۈشمەننى دوست دەپ بىلىپ قېلىش، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ سۆزلەش، ئىدراك بىلەن شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسى مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ئۈمۈتۋار ھالدا سۆزلەشنىڭ ئورنىغا ،ئۈمىدسىزلىك، مۇستەقىللىققا ئىنتىلىشتىن ۋاز كىچىش، قاتارلىق خاھىشلارنىڭ تەشۋىقاتى ئۇ يەر، بۇيەردە بولىۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ شايكىلىرى تارقىتىۋاتقان بەزى ئىغۋا سۆزلەرگە ئىشىنىش ئادەتكە ئايلىنىپ، قۇللۇق ۋە خورلۇقنى تەرغىپ قىلغۇچىلارغا يول قويۇشتەك كۆڭۈلچەكلىك خاھىشى پەيدا بولدى.
ۋەتەن ئىچىدە دۇنيا ۋەزىيتىدىن بىخەۋەر ياشاۋاتقان مەزلۇم خەلقىمىزنى ھە دەپ خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىغا بېسىپ بىرىۋاتقان ماڭقۇرت ئۇيغۇر كادىر ۋە مەمۇرلارنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىغا نەزەر سېلىشنى قويۇپ تۇرۇپ، ئەركىن ھۆر دۇنيادا سىياسى پاناھلىنىپ خاتىرجەم ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ۋەتەن سىرتىدىكىلەرگىمۇ خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ تەتۈر يالغان تەشۋىقاتى، مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارشى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىنمىسا، ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋەتەن ئىچىدە تەھدىتكە دۈچ كەلگەنلىك سەۋەبىدىن سىياسى داۋادىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر بولغان بەزى ۋەتەنداشلىرىمىز خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا بىلمەي ئەگىشىپ كىتىپ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان بولىدۇ. بىزدە ئومۇمنىڭ، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپلا ھەر خىل بولمىغۇر پىتنە ئىغۋالارنى تارتىقىپ، شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئومۇمى بىرلىك مەنىۋى سېپىنى بۇزۇشقا بىلىپ بىلمەي ئۇرۇنىدىغان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار قارىسىغا سۆزلەپ، تارىخى رېئاللىققا، ئىلىمى پاكىتلارغا، چىنلىققا ۋە ئەقىل مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ھەتتا ئۆزىمۇ ئىشىنىپ كەتمەيدىغان ھەر خىل پىتنە ئىغۋالارنى توقۇپ،سىياسى داۋا سېپىمىزدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىمەكتە.

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلار نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن بولۇپمۇ ئۆتتۇر شەرقتىكى ئۇرۇش مالمانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، (شەرقى تۈركىستان) نى گۈللەندۈرۈش دېگەن ساختا پورپىگاندا نامى بىلەن ھە دەپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شەرقى تۈركىستانغا خىتاي يۆتكەپ يەرلەشتۈرۈش، شەرقى تۈركىستانلىقلارنى تاقلاپ ئىچكىرگە يۆتكەپ يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى تارقاقلاشتۈرۈش، قوش تىللىق مائارىپ نامىدا ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى يۇقۇتۇشتەك رەزىل ئىشلارنى كۈچەپ قىلىۋاتقانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. ئۇلار كۈتۈرۈپ قوپقان ئاتالمىش (تىرورىزىمغا زەربە بېرىش جېڭى، ئۈچ خىل كۈچ) دېگەندەك ئەكسىيەتچىل ساختا شۇئارلار شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي بايلىقىغا ئېرىشىشنىڭ، شەرقى تۈركىستاننى شەرقى تۈركىستانلىقلاردىن تالىشىشنىڭ دەستىكى بولماقتا. ھازىر شەرقى تۈركىستاندا دېگۈدەك ھەر كۈنى قان تۆكۈلۈپ، بىگۇناھ كىشىلەر ئەزىز جانلىرىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ. ‹‹قۇرئان كەرىم››دە: ‹‹كىمىكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمىكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ››دەپ ئېنىق يېزىلغان، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا 1949-يىلى بېسىپ كىرىپ،شۇندىن بۇيان بۇ،رايۇندا بىگۇناھ ئاممىنى تۇتقۇن قىلىپ كىلىۋاتقانلىقى، پۇخرالارنىڭ ئىتىقادى ئەركىنلىكىنى بوغۇپ ئۇلارنى دىندىن چىقىشقا دىنسىزلىق كوممۇنىستىك تۈزۈمنى قۇبۇل قىلىشقا زورلىشى، پۇخرالارنىڭ ئۆيلىرىنى ئاقتۇرۇپ نەخ مەيداندا چوڭ كىچىك ئەر ئايال ھەممىسىنى ئوققا تۇتۇپ بىھۇدە قان تۈكىشى، دۇنيادا مەۋجۇت بولغان ھېچقانداق بىر دىننىڭ شۇنداقلا خەلقارا قانۇن بەلگىلىمىلەرنىڭمۇ روھىغا ئۇيغۇن ئەمەس. خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلارغا (ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەي شەرقى تۈركىستان زېمىنىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىڭلار) دېگەن سەمىمىىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلسە (سەن مىللەتچىلىك قىلدىڭ) دەپ خاپا بولۇپ ئادەمگە قۇرال تەڭلەيدۇ. ئۇلارغا (شىنجاڭ ئەمەس بۇ يەرنىڭ نامى شەرقى تۈركىستان، شەرقى تۈركىستان خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەس، سىلەر بۇ، زېمىننى زورلۇق بىلەن 1949-يىللىرى بېسىۋالغان ئىدىڭلار، سىلەر شەرقى تۈركىستانلىق ئەمەس) دېيىلسە ئۇلار، ( بىز بۇ رايوننى ئازات قىلغانتۇق) دەپ يالغاندىن بىلجىرلايدۇ.

ئۇلار خۇددى بىزنىڭ بىردىنبىر پەرۋىشچى ھامىيمىزدەك، بىزگە يېڭى ھايات، يېڭى تۇرمۇش ئاتا قىلىدىغاندەك ئەلپازدا يۈزلىرىنى قېلىن قىلىپ تۇرۇپ سۆزلەپ ،ئېتىقادى ئەركىنلىكىمىز، پىكىر ئەركىنلىكىمىز، يۇرۇش تۇرۇش ،كىيىنىش قاتارلىق تۇرمۇش ئادىتىمىز، ھەتتا خۇدايىم بەرگەن ئانا تىلىمىزنى قوللىنىش ئەركىنلىكىمىزگە قەدەر ئارىلىشىپ، ئاتىكاچىلىق قىلىپ، بىزنى ختايچە كىيىنىشكە خىتايچى زۇۋاندا سۆزلىشىشكە قىستىماقتا. ئەجدادلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنىلىرىمىز، ئىسلامنى ئاساسى مەنبە قىلغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئۆلچەملىرىمىز، شۇنداقلا زامانغا ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى بولغان ئەنئەنىۋى خاسلىقىمىز ئىنكار قىلىنماقتا.

ۋەتەن بىزنىڭ ۋەتىنىمىز، شەرقى تۈركىستان دېگەن جاي بىزنىڭ يۇرتىمىز. دۇنيادىكى بارچە مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەتلەر بىر-بىرلەپ ئۆز ئەركىنلىكىنى ئۆز قۇلىغا ئېلىپ ئازات بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ ئەركىنلىك دەۋرىدە بىز شەرقى تۈركىستاندىكى ئومۇمى يۈزلۈك خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى خىتاي مۇستەملىكىسىدىن ئازات بولۇش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشىلاش، بالىلىرىنى ياخشى مۇھىتتا ،ئۆز ئانا تىلىدا ،ساغلام ئىسلام ئىتىقادىدا تەربىيەلەش، جاھاننىڭ تىنچ – ئەمىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ۋە خالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئەگەر، بىز ياخشى كۈنگە ئۇلىشىمىز دەيدىكەنمىز،تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە سىياسى ئىدىيە قارىشىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشىمىز، ۋەتەنگە ئىگە چىقىشىمىز، خىتاي مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلاردىن ئىبارەت ئەشەددى دۈشمىنىمىزنى بارچە دۈشمەننىڭ ئالدىن قاتارىغا تىزىپ ئۇلار بىلەن بولغان تارىخى ھىسابلىرىمىزنى ئۇچۇق ئاشكارا مەيدانغا چىقىپ قىلىشقا ،ۋەتەن داۋايىمىزنى خەلقارا سىياسى سەھنىلەرگە ئېلىپ كىرىشكە بىر كىشىلىك بولسىمۇ ھەسسە قېتىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك!
تىرىشچان شەرقى تۈركىستان ئۇغۇل قىزلىرى تۈمەن مىڭ سىياسى توسالغۇ ۋە ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆرلەپ ئۇقۇپ، ئالىملىرىمىزنىڭ سانىنى كۈپەيتىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ كۆزىنى ئاچقان بولسىمۇ ، تەرەققىياتىمىزنىڭ سۈرئىتى ۋە سۈپىتى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقانلىقى،خىتاي ئاققۇنلارغا بىرىلگەن ئىمتىيازلارنىڭ ھەممىسى شەرقى تۈركىستانلىقلارغا بىرىلمەيۋاتقانلىقى،يەر ئاستى تەبىئىى بايلىقىمىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا تالان تاراج قىلنىۋاتقانلىقىدەك بىر يۈرۈش ئاچچىق رىئاللىقلار نىڭ ئاچقۇچلۇق ئامىللىرى دەل ئۆزىمىزنىڭ سىياسى جەھەتتىكى ئىزدىنىشكە ھەممە بىرلىكتە ئاتلانمىغانلىقىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى