ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 02.02.2016 09:18:28 يوللانغان تارىخ: 02.02.2016 09:18:28 0 3919

قەپەزدىكى شەرقىي تۈركىستان

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ دۇنيا يات تۇيۇلدى. ئاسمانغا چىقىپ كېتەلـمىدى، يەر قاتتىق كىرىپ كېتەلـمىدى، قولىدا پاسپورت يوق باشقا دۆلەتلەرگە

‏قەپەزدىكى شەرقىي تۈركىستان

شەرقىي تۈركىستان خەلقى خۇشال - خورام، ئەركىن- ئازادە، كۈلكە ـ چاقچاق بىلەن ياشاپ كەلگەن ۋە ئەدەپ ـ ئەخلاق، دىنىي ـ ئېتىقاد، ئۆرپ ـ ئادەت، مەدەنىيەت ۋە كەشپىياتلىرى بىلەن ياشاپ كەلگەن بولۇپ، قاچانكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا باستۇرۇپ كېرىپ ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقىدىكى كۈلكە ـ چاقچاق، خوشال ـ خوراملىق ئورنىغا قايغۇ ـ ھەسرەت، ئەدەپ ـ ئەخلاق، ئۆرپ ـ ئادىتى ئورنىغا خىتاينىڭ ئەخلاقسىزلىقى، مەدەنىيەتسىزلىكى سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى.
خىتاي ھاكىمىيىتى ئىشغال قىلىپ كىرگەندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بىر كۈنمۇ خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىق بولـمىدى، ھەركۈنى دەرت ـ ئەلەم ۋە قايغۇ ـ ھەسىرەتتە ئۆتتى. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ دۇنيا يات تۇيۇلدى. ئاسمانغا چىقىپ كېتەلـمىدى، يەر قاتتىق كىرىپ كېتەلـمىدى، قولىدا پاسپورت يوق باشقا دۆلەتلەرگە ھەم كېتەلـمىدى.
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىنقى يىللاردا ئافغانىستان ئۇرۇشى سەۋەبىلىك ئۇرۇشالايدىغانلار قېلىپ ئۇرۇشالـمايدىغان نۇرغۇنلىغان ئافغانلار يۇرتلىرىدىن چىقىپ كەتتى ۋە ھېلىھەم چىقىپ كېتىۋاتىدۇ.
ئامېرىكا سادام ئۇرۇشىدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئىراق خەلقى باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتتى. يېقىنقى يىللارغا نەزەر سالغىنىمىزدا سۈرىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا ئۇرۇشتىن قاچقانلار تۈركۈملەپ تۈركىيە ۋە ياۋروپالارغا قېچىپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمما، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كېتىدىغانغا ھېچقانداق يەر ۋە پۇرسەر چىقمىدى. زالىم خىتاي ھاكىمىيىتى ئەتراپتىكى بارلىق پۇلخۇمار دۆلەتلەرنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق خائىنلىق قىلىشقا مەجبۇرىلاش بىلەن بىرگە، پۈتۈن چىقىش ئېغىزلىرىنى ئەتمەكتە. ئۇيغۇر خەلقى ئۆز دۆلىتىدىلا ئەمەس بەلكى ئۆز ئۆيىدىمۇ خاتىرىجەم ياشىيالـماس ھالغا كەلدى.
شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار، بەئەينى قەپەزدىكى قۇشلاردەك، پۈتۈن ئەتراپى مۇستەھكەم قورشاۋلار بىلەن توسۇلغان قەپەزدە ياشىماقتا. تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى ھەركۈنى يېڭى قارار لاھىيىلەرنى پەيدا قىلىپ، خالىساڭ بۇنىڭغا كۆن، خالىمىساڭ بىزگە قارشى چىقىپ ئوقۇمىزدا ئۆل دەپ قىستىماقتا.
خىتاينىڭ بۇ يولسىزلىق ئەپسانە قانۇنلىرىغا نارازى بۇلۇپ قارشى چىققانلارنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈش، ھايات قالغانلارنى تېررورىست نامى بىلەن قارىلاپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق يوقاتماقتا.
خىتاينىڭ يولسىزلىق ھەرىكەتلىرىگە رازى بولـمىغانلار خىتاينىڭ پاسپورت بەرمەسلىكى سەۋەبىلىك زور قىيىنچىلىقلارنى تۈگىتىپ قانونسىز يوللار ئارقىلىق مالايسىيا، ۋېتنام، گامبوژىيا ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى پۇلخۇمار دۆلەتلەرنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋېلىپ قايتۇرۇپ كېتىش ئارقىلىق سوتلاپ ياشلىق باھارىنى قاراڭغۇ زىندانغا مەھكۇم قىلـماقتا.
زالىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق، بۇلاڭ تاراق، ئادەم بېدىكچىلىك، قاتىللىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ئىنسان ھەقلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆرمەسكە سالدى ۋە ئاڭلىماسقا سالدى. دىن ۋە قان قېرىندىشىمىز دېگەن قازاق، ئۆزبېك ۋە پاكىستان ئۆز مەنپىئەتى ئۈچۈن كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئاپئاق چاپاق بۇلۇشۇپ ئۇيغۇرلارنى سېتىپ ھاراق ئىچىشتى. ھەتتاكى دۇنيا مۇسۇلـمانلىرى چوڭ بىلىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ، خىتاينىڭ سۆزىدىن چىقماس ۋە خىتاينىڭ بۇيرۇقىنى ياق دېمەستىن بىجا كەلتۈرىدىغان ھالغا يەتتى.
تەييارلىغۇچى: دولقۇن

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى