مۇھىت ۋە ساغلاملىق

يېڭىلانغان تارىخ: 28.01.2016 14:37:21 يوللانغان تارىخ: 28.01.2016 14:37:21 0 3458

شىۋېتسىيەدە بىر سۈرىيىلىك ياشنىڭ ياخشى تەسىراتى

بۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن ئاپتوبۇس كەلدى، مۇئەللىمىمىز «ۋاقتىمىز يوق، دەرھال كېتىشىمىز كېرەك

شىۋېتسىيەدە بىر سۈرىيىلىك ياشنىڭ ياخشى تەسىراتى

ئەسلى سۈرىيىدىن شىۋېتسىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن 15 ياشلاردىكى بىر سۈرىيىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ، شىۋېتسىيە كۈنتەرتىپى تورىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئاتىللا ئالتۇنتاش ئىسىملىك مۇخبىرغا قالدۇرغان ياخشى تەسىراتى.
مۇخبىر ئاتىللا، ئۇ ئوقۇغۇچىدىن ئالغان تەسىراتىنى ئۆزىنىڭ فېيىسبۇك ھېسابىغا يېزىپ باشقىلار بىلەن ھەمبەھرىرلەنگەن بولۇپ، بۇ تەسىراتتىن باشقىلارنىڭمۇ تەسىرلىنىشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۈم.
يازما ئەسلى مۇنداق: تۈنۈگۈن خىزمەت ئورنۇم يەنى «پىتزاخانى» غا، قارا چاچلىق، قارا كۆزلۈك، 15 ياشلاردىكى بىر ئوقۇغۇچى كەلدى. ئېھتىمال كۆچمەن.
ئۇ ماڭا، «ماڭا بىر دانە بەرەنگە قىزارتمىسى» پىشۇرۇپ بېرەمسەن؟ دەپ، سەن ھازىرلا مەن 2 مىنۇتتا كېلىمەن، دېگىنىچە چىقىپ كەتتى.
مەن زاكاسنى تەييارلىدىم، لېكىن ئۇ ياش كەلـمىدى. ئۇ كەلـمىگەندىكىن بىر قىسىمىنى مەن يېدىم قالغىنىنى ئەخلەتكە تاشلىدىم.
بۈگۈن ئۇ ئوقۇغۇچى ياش يېنىدا بىر ئاغىنىسىنى باشلاپ يەنە كەلدى، ئۇ «مېنى ئەسلىدىڭمۇ؟» دەپ سورىدى. مەنمۇ ھەئە ئەسلىدىم دەپ جاۋاب بەردىم.
ئۇ ياش، سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن، تۈنۈگۈن بۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن ئاپتوبۇس كەلدى، مۇئەللىمىمىز «ۋاقتىمىز يوق، دەرھال كېتىشىمىز كېرەك، دېگەندىن كېيىن قايتىپ كېلەلـمىدىم. ھازىر كەلدىم ۋە قەرزىمنى تۆلەشنى خالايمەن، دېدى.
مۇخبىر: «قىلغىنىڭ دۇرۇس ياخشى بىر ئىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىشىڭنى خالىمايمەن». دېدىم.
ئۇ ياش: قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن يالۋۇرغاندىن كېيىن مەن، ئىسىمىڭ نېمە؟ قايەردىن سەن؟ دەپ سورىدىم.
ئۇ ياش: ئىسمىم مۇھەممەد، سۈرىيەلىك مەن دەپ جاۋاب بەردى.
مۇخبىر: ئۇنداق بولسا پۇلنى ھەرگىز ئالـمايمەن، دېدىم مەن. ئۇ سۈرىيەلىك ئوقۇغۇچى پۇلنى يۈزۈمگە ئېتىۋېتىپ قېچىپ كەتتى. مەن ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ چىقتىم ۋە تۇتالـمىدىم.
مۇخبىر: شۇنچىلىك تەسىرلەندىم ۋە خۇشال بولدۇمكى، ئۇنىڭ «شىۋېتچە سۆزلىشى» دىن شىۋېتسىيەگە كەلگىنىگە 1 ـ 2 يەل بولغاندەك قىلاتتى. بەلكىم سۈرىيەدىكى ئۇرۇشتىن قاچقان بۇلۇشى مۇمكىن. «ئۇرۇش، ئازاب» ئىچىدە ياشاپمۇ يەنىلا دۇرۇسلۇقىنى يوقاتمىغان.
مۇخبىر يازمىسىنىڭ ئاخىرىدا: ئۇ سۈرىيىلىك ياشنىڭ مۇخبىرنىڭ يۈزىگە ئېتىۋەتكەن 20 كوروننى، بۇ يۈرىكى چوڭ سۈرىيىلىك ياشنىڭ قالدۇرغان 20 كورون، مېنىڭ ئۈچۈن قىممەتلىك بىر مەنىۋى ھەدىيە سۈپىتىدە ئارخىپىمدا ساقلايمەن ۋە ھەر قارىغىنىمدا دۇنيادا ھېچقانداق بىر پۇلنىڭ دۇرۇسلۇقنى سېتىۋالالـمايدىغانلىقىنى ئەسلەيمەن، دەپ يازمىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
يازما قارىماققا ئاددىيدەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ ياشنىڭ «بەرەنگە قىزارتمىسى» بۇيرۇتۇپ قويۇپ مۇئەللىمىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قايتىپ كىرەلـمەي ئەتىسى كېلىپ، ئالدىنقى كۈنى كېلەلـمىگەنلىكى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراش بىلەن بىرگە، بۇيرۇتقان نەرسىنىڭ پۇلىنى تۆلەشكە ئورۇنغانلىقى، دۇكانچىنىڭ پۇلنى ئالـماسلىقىنى غەنىيمەت بىلـمەي پۇلنى ئېتىۋېتىپ كېتىشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرمەي قالـمايدۇ.

بالىنىڭ دۇرۇس، راستچىل، ئەخلاقلىق تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم.

تەرجىمىدە پىداكار 

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئازاپلىق كۈنلىرى