ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

تەھلىل ۋە مۇلاھىزە

يېڭىلانغان تارىخ: 27.01.2016 02:10:57 يوللانغان تارىخ: 26.01.2016 14:35:43 0 3165

توغۇلـماي تۇرۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان بوۋاقلار

ئەينى چاغدا 4 مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، يىلىغا 15% كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي ھاكىمىيىتى، ئارىدىن 65 يىل ئۆتۈپ

‏توغۇلـماي تۇرۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان بوۋاقلار

يازمىنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپلا توغۇلـماي تۇرۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشنى بەلكىم بالا ئانىنىڭ قارنىدىن توغۇلۇش ئالدىدا ئۆلۈك ھالەتتە يەرگە چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايدىغانلار بولسا كېرەك، بۇ چۈشەنچىمۇ مەلۇم جەھەتتە توغرا ھېسابلانسىمۇ، ئەمما بۇ خىلدىكى ئەھۋال ئىنتايىن كەم ئۇچىرايدۇ.
لېكىن بىز ئۇيغۇرلارنى بۇ مەسىلىگە يولۇقتى دېگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى نوپۇسى خىتاي دېگەندەك ئاز سانلىق ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان مىللەت قاتارىغا تىزىلغان بولاتتۇق.
شەرقىي تۈركىستان قوللانمىسى دېگەن كىتابتا: 1949ـ يىلى خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان رەسمىي سانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1949ـ يىلى 4 مىليۇن 330 مىڭ دەپ ئېلان قىلغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 45 يىلدىن كېيىنكى كۆپىيىشىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15% دەپ ئېلان قىلىپ، ھازىرقى ئومۇمىي نوپۇسنى 15 مىليۇن 806 مىڭ دەپ خاتىرلىمەكتە.
ماۋزېدۇڭنىڭ تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ 5ـ تومدىكى ماقالىسىدا، 50ـ يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا «9 مىليۇن» يەرلىك خەلق ياشايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي، مانجۇ، شىۋە، مۇڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 600 مىڭغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. قوللانمىنىڭ 2ـ بابىدىن ئېلىندى.
ئەرقال تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ نوپۇس ئىشخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىپ ئېلان قىلىشىچە 2014ـ يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 11 مىليون 271 مىڭ 900 بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ %48.53 ىنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماۋزېدۇڭنىڭ تاللانما ئەسىرىنىڭ 5ـ تومىدا بايان قىلغان ماقالىسىدا، 50ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان خىتاي، مانجۇ، شىۋە، مۇڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ 600 مىڭغا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەينى چاغدا خىتايلار ئاز سانلىقنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنىگە كەلگەندە، شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ سانلىق مىللەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ئەرقال تورىدا بىلدۈرۈشىچە، 2014ـ يىلىغا كەلگەندە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئومۇمىي نوپۇسى، 8 مىليون 595 مىڭ 100 بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %37.01 ىنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاينىڭ ئېلان قىلغىنى بويىچە ئېيتقاندا، ئەينى چاغدا 4 مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، يىلىغا 15% كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي ھاكىمىيىتى، ئارىدىن 65 يىل ئۆتۈپ 2014ـ يىلىغا كەلگەندە 11 مىليۇنغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
1949ـ يلى نوپۇسى 4 مىليۇندىن ئارتۇق، يىلىغا 15% كۆپىيىدىغان ئۇيغۇرلار، 65 يىلدىن كېيىن 11 مىليۇنغا يەتكەن. ئۇنداقتا بۇ سان يىلىغا قانچە % كۆپەيدى؟
خىتاينىڭ نوپۇس ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىپ ئېلان قىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى 2014 ۋە 2015ـ يىلى توغۇلغان بوۋاقلارنى ئىستاتىستىكا قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا كۆرە، 2014ـ يىلىدىكىگە قارىغاندا 2015 ـ يىلى توغۇلغان بوۋاقلار سانى 320 مىڭ بوۋاق ئاز توغۇلغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە: 2015-يىلى پۈتۈن خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان بويىچە يېڭىدىن تۇغۇلغان نوپۇسقا تىزىملىتىلغان بوۋاقلارنىڭ سانى 16 مىليون 550 مىڭ بولۇپ، بۇ سان 2014-يىلىدىكىگە قارىغاندا 320 مىڭ بوۋاقنىڭ ئازايغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەينى چاغدا خىتاينىڭ دېگىنىچە ئېيتقاندا، يىلىغا 15% كۆپىيىدىغان ئۇيغۇرلار، بۈگۈنكى كۈنىگە كەلگەندە كۆپىيىش ئەمەس كېمىيىش ئەھۋالى كۆرۈنمەكتە.
بۇ ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان پىلانلىق توغۇن سىياسىتىدە، توغۇلـمىغان بوۋاقنى ئوكۇل، دۇرا ۋەياكى ئوپىراسسىيە قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ تاشلاش قاتارلىق رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر خانىم ـ قىزلارنى مەجبۇرىي دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ «ئۈزۈك» سېلىش ئارقىلىق تۇغۇشتىن توختىتىش ۋە ئۆمۈرلۈك پالەچ قىلىش سەۋەبلىك ھەر يىلى توغۇلىدىغان بوۋاق ۋە تۇغىدىغان ئانىلار ئازلىماقتا.
تەييارلىغۇچى: پىداكار

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى