ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

دۇنيا خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 11.01.2016 12:40:03 يوللانغان تارىخ: 11.01.2016 03:17:45 0 14504

خىتاي ۋە ئىران تۈركىيىگە رىقابەت بولالـمايدۇ

تۈركىيە بىلەن زىتلەشكەن رۇسىيە، ‏ئۆز قولى بىلەن توختاتقان تىجارەت بوشلۇقىنى خىتاي ۋە ئىراندىن ئېلىپ تولدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ

خىتاي ۋە ئىران تۈركىيىگە رىقابەت بولالـمايدۇ
يېقىندىن بۇيان تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى دېپلوماتىك مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ دوسلۇقى يىرىكلەشكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيە تەرەپ تۈركىيىدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان تىجارەتلىرىنى توختىتىپ سەبداشلىرى بولغان خىتاي ۋە ئىراندىن ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە تۈركىيىنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بېرى «يېڭى شاپاق» گېزىتىدە، «خىتاي ۋە ئىران تۈركىيە بىلەن رىقابەت بولالـمايدۇ» ناملىق سەرھەرلەۋلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: تۈركىيە بىلەن زىتلەشكەن رۇسىيە، ‏ئۆز قولى بىلەن توختاتقان تىجارەت بوشلۇقىنى خىتاي ۋە ئىراندىن ئېلىپ تولدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. دېيىلگەن.
بەرەنگىنى ئىراندىن، تەرخەمەكنى خىتايدىن ئېلىشقا باشلىغان رۇسلار، باھاسىنىڭ قىممەتلىكىدىن ھېساب كىتاپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي بىلەن ئىران رۇسىيەنىڭ يېقىن دوستلىرى ھېسابلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭ چېگىرداش جوغراپىيىلىك ئەھۋالى ئانچە يېقىن بولـمىغانلى سەۋەبى بىلەن، ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ يول كىراسىدا پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە ئاخىرىدا يەنىلا تۈركىيىگە مۇھتاج.
يەنە كېلىپ خىتايدەك نوپۇسى كۆپ بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ رۇسىيىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشى تولىمۇ قىيىن.
مەزكۇر ماقالىدا يەنە: ئاق دېڭىز ئېكىسپورت بىرلىكىنىڭ باشلىقى بۈلەنت ئايمەن، «ئىران ۋە خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن رېقابىتى زور» دېگەن.

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى