ئۇيغۇر خەۋەرلىرى

مۇھىت ۋە ساغلاملىق

يېڭىلانغان تارىخ: 07.01.2016 04:12:57 يوللانغان تارىخ: 07.01.2016 04:05:15 0 13427

شىۋېتسىيەدە بىردىنلا ھاۋا سوۋۇپ نۆلدىن تۆۋەن 15 كە چۈشۈپ كەتتى

قارلىق سوغۇق ساۋانىڭ تەسىرىدە يوللار مۇزلىنىشى بىلەن يولدىكى ماشىنىلار بىر ـ بىرى بىلەن

‏شىۋېتسىيەدە بىردىنلا ھاۋا سوۋۇپ نۆلدىن تۆۋەن 15 كە چۈشۈپ كەتتى

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى خەۋىرى: شىۋېتسىيە شىمالىي ياۋروپاغا جايلاشقان سوغۇق دۆلەتلەرنىڭ بېرى بولسىمۇ، بۇ يىل قىش كىرگەندىن بېرى ھاۋا كېلىماتى ئانچە سوغۇق بولـمىغان. 2015ـ يىلى 12ـ ئاينىڭ ئاخىرلىرىمۇ ھاۋا كېلىماتى نۆلدىن يوقرى 10 ئەتراپىدا ئىدى.
2016ـ يىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ھاۋا كېلىماتى بىردىنلا سوۋۇپ، پايتەخت ستوكھولـمنىڭ ھاۋا كېلىماتى نۆلدىن تۆۋەن 15 لەرگە چۈشۈپ قالغان.
قارلىق سوغۇق ساۋانىڭ تەسىرىدە يوللار مۇزلىنىشى بىلەن يولدىكى ماشىنىلار بىر ـ بىرى بىلەن سوقۇشۇش، يولدىن چىقىپ كېتىشتەك قاتناش ھادىسىلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.
پىداكار تەييارلىدى

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

30- سېنتەبىر كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى