تۈركىستان خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 30.12.2015 10:19:54 يوللانغان تارىخ: 30.12.2015 10:19:54 0 5479

ئۈرۈمچىدە تۇمانلىق ھاۋا سەۋەبلىك ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى كېچىككەن

ئايروپىلانلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە كېچىكىشى ۋە ئەمەلدىن قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن 5000 مىڭغا يېقىن يولۇچى ئايرودرومدا تۇرۇپ قالغان

‏ئۈرۈمچىدە تۇمانلىق ھاۋا سەۋەبلىك ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى كېچىككەن

بىرقانچە كۈندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا كېلىماتىدا ئۆزگىرىش بۇلۇپ ھاۋانى تۇمان قاپلىغان بولۇپ، ھاۋانى تۇمان قاپلىغانلىقتىن ئايروپىلانلار ئۇچۇشتىن توختاپ نۇرغۇن يولۇچىلار تۇرۇپ قالغان.
خىتاي ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە: 30– دېكابىر ئۈرۈمچىنىڭ ساۋاسىنى تۇمان قاپلىغان بولۇپ، تۇماننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئايروپىلانلار ئۇچۇش ۋە چۈشۈش يولى ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكتىن, نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە كېچىكىشى ۋە ئەمەلدىن قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن 5000 مىڭغا يېقىن يولۇچى ئايرودرومدا تۇرۇپ قالغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە: ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىدا 30–چېسلا سەھەردە تۇمان پەيدا بولغان. سائەت 12 گىچە, ئايروپورتتىن چىقىدىغان 19 نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىككەن, 9 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان؛ ئايروپورتقا كىرىدىغان 8 نۆۋەتچى ئايروپىلان زاپاس ئايرودرومغا قونغان, 2 نۆۋەتچى ئايروپىلان قايتىپ كەتكەن, 7 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇنىڭدىن سىرت ئايرودروم T1 ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىدا 224 ئادەم, T2 ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىدا 2757 ئادەم, T3 ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىدا 1600 ئادەم تۇرۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى