ئۇيغۇر پائالىيەتلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 26.12.2015 16:52:12 يوللانغان تارىخ: 25.12.2015 06:17:12 0 3938

شىۋېتسىيەدىكى ئىسلام يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ئۈستىلى

25 يىلدىن بېرى زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرمىسىدە بىگۇناھ يېتىۋاتقان دىنىي ئالىم ئابدۇلكېرىم ئابدۇلۋەلى نىڭ چوڭايتىلغان رەسىمى

‏شىۋېتسىيەدىكى ئىسلام يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ئۈستىلى

شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى خەۋىرى: شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتى «رابىت ئەل ئىسلام» نىڭ ساھىبخانلىق قىلىشى بىلەن 35 يىلدىن بېرى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولـمدا، دېكابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان يىللىق چوڭ يىغىنىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بىر ئۈستەل قويۇلغان.
ئىگىللىنىشىچە: مەزكۇر يىغىنغا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلـمانلارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، 8 يىلدىن بېرى ئاكتىپ قاتنىشىش بىلەن بىرگە، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈستەل قويۇپ كەلگەن بولۇپ، كۆرگەزمە زالىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۈستىلىگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋەرەقچىلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلۇپ بېسىلغان ئەرەبچە كىتاب، 25 يىلدىن بېرى زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرمىسىدە بىگۇناھ يېتىۋاتقان دىنىي ئالىم ئابدۇلكېرىم ئابدۇلۋەلى نىڭ چوڭايتىلغان رەسىمى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلۈپ بېسىلغان مايكا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى بىلەن «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» دېگەن خەت بېسىلغان شەپكە قاتارلىقلار قويۇلغان ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا، شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋەرەقچىلىرى تارقىتىلغان ئىكەن.

پىداكار تەييارلىدى

كىنىشكە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى، شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىگە تەۋە. تور بېتىمىزدىكى خەۋەر ياكى رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى تۇلۇق ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

ئەخلاق توغرىسىدا، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى